پەسىلگە قاراپ ئوزۇقلىنىش ۋە ساغلاملىق
پەسىل ئالماشقان ۋاقىتلاردا شۇ پەسىلگە مۇۋاپىق كىيىنىپ، مۇۋاپىق غىزالىنىپ سالامەتلىكنى ئاسراش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلغاندا جۇشقۇن روھىي ھالەتنى ساقلاپ سالامەتلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېسەلچانلىق ۋە پەسىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
1. كۈز پەسلىدىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى
بۇ پەسلىدە باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا سالامەتلىككە پايدىسىز ئامىللار كۆپ بولىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا كىشىلەر كىيىم -كېچەكنى تەڭشەپ بولالماي ئۆزىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ. يوپۇرماقلار تۆكۈلۈپ كۈز شامىلى چىقىش، يامغۇر يېغىپ غازاڭلار ۋە زىرائەت قالدۇقلىرىنى چىرىتىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن مۇھىت بۇلغىنىش كۆپ بولۇپ ،كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدۇ. مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يەپ ھەزىم بۇزىلىدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە ئىچ سۈرۈشكە ئوخشاش ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
1) بۇ پەسىلىدە بولۇپمۇ ھاۋا كىلماتى تۇراقسىز بولىدىغان شەھەرلەردە ھاۋا ئۆزگىرىشىگە قاراپ كىيىنىش، كېچىلىرى ئوچۇق ئۇخلاشتىن ساقلىنىش، سوغۇق جايلاردا ئۇخلىماسلىق، قېلىن كىيىنىپ بەدەنگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ باشقا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
2) بەدەن تازىلىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3) يېمەك-ئېچمەكنى تەڭشەش يەنى ئاچ-توق يۈرمەسلىك، مۇۋاپىق غىزالىنىش توخۇ شورپىسى، پاقلان گۆش شورپىسى، شوۋىگۈرۈچ ۋە چۆپكە ئوخشاش ئاسان ھەزىم بولىدىغان ،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلنىش كېرەك.توق قورساق ئۇخلىماسلىق لازىم. سالامەتلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئاغرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزگۈچى يېمەكلىك ۋە دورا –دەرمانلاردىن پەرھىز قىلىش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچمەسلىك، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.
4) چۈش ۋاقتىدىكى قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش، سوغۇق سۇ بىلەن مۇنچىغا چۈشمەسلىك، سۇغۇق سۇ بىلەن باشنى يۇماسلىق لازىم.
5) كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن ۋاقىتدا تەنقىيە دورىسى ئىچىپ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا قىش پەسلىدە ئورگانىزمىدا كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىھتىياجىغا قاراپ تورۇپ قان ئالدۇرۇش ۋە يەڭگىل تەنھەرىكەت قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ بەدەننى تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا، كۇز پەسلىدە كۇن بىلەن تۇن تەڭلىشىشتىن ئىلگىرى خىلىتلارغا چارە_تەدبىر قوللىنىش ۋە ئۇنى قوزغىتىش ياخشى ئەمەس. ھۆكۈمالار ھەتتا قەي قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.
-
قىش پەسلىدىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى
بۇ پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، تەبىئەت غىزا ئارقىلىق ھارارەت تولۇقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قورساق كۆپ ئاچىدۇ، ھەزىم قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ. گۆش ۋە مايلىق غىزالارغا ئوخشاش بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى تەبىئەت كۆپ تەلەپ قىلىدۇ. نەزلە، زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى ۋە رېماتىزمغا ئوخشاش كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
1) قېلىن كىيىنىپ بەدەنگە سوغۇق ئۆتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ كۆكرەك، قورساق ۋە بويۇن قىسىمىنى سوغۇقتىن ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. باش، بويۇن، بەل ۋە پۇتنى ئىسسىق ساقلىسا پۈتۈن بەدەننى ئىسسىق ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2) قەۋزىيەت بولسا، يەڭگىل سۈرگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش، ئۆتكۈر سۈرگۈ دورىلىرىنى ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
3) پەسىل ئالماشقاندا كىيىمنى تەدرىجى ئۆزگەرتىش، بىراقلا قېلىن ياكى بىراقلا نېپىز كىيىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولمىسا سوغۇق ھاۋانىڭ بىراقلا تەسىر قىلىشى بىلەن بېقىن ئاغرىقى ياكى قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇللىرى ئاغرىقى يۈز بېرىدۇ.
4) ئېغىر ئەمگەكلەرنى كۆپرەك قىلىش، غىزانى ياخشىلاش لازىم. ئەمما جەنۇبى قۇتۇپقا يېقىنراق ئولتۇراقلاشقانلار ھەركەتنى كۆپەيتىپ يېمەكلىكنى ئازايتىش كېرەك.
5) قۇۋۋەتلىك غىزالار، مەسىلەن: پاقلان گۆشى كاۋىپى، باچكا كاۋىپى، پاقلان گۆشى شورپىسى، پولو، مانتىغا ئوخشاش غىزالار بىلەن ئېھتىياجغا قاراپ مۇۋاپىق غىزالىنىشى لازىم. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. كۆكتاتلاردىن قىزىلچا ۋە كەرەپشىگە ئوخشاش ھەم چامغۇرغا ئوخشاش تەبىئىتى ئىسسىق بولغان كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش، كاسىنە، سېمىز ئوت، تەرخەمەك ۋە سەي كاۋىسىغا ئوخشاش سوغۇق تەبىئەتلىك كۆكتاتلارنى يېمەسلىك ياكى ئاز يېيىش كېرەك.
6) خىلىتلار ياز پەسلىدە ئۇچۇچانلىققا ئىگە، قىش پەسلىدە چۆكمىگە مايىلراق بولغاچقا قان ئالدۇرۇش ۋە قەي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ. - باھار پەسلىدە كۈتۈنۈش ئۇسۇلى
بۇ پەسىل قان خىلىتىنىڭ نامايەندىسى بولغاچقا، ھەر قايسى خىلىتلارنىڭ، بولۇپمۇ قان خىلىتىنىڭ جانلىنىشى ۋە كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرى، مەسىلەن: تۈرلۈك ئەسۋە، چېچەك، بىر قىسم يۈرەك -قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەسىلەن: قاندىن بولغان يۈرەك قوزغۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە تەپ كېسەللىكى كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىغاندا، بەدەننىڭ يېڭى پەسىلگە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ پايدىسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
1) تېرىنى ئاسراش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ئىسسىق كىيىنىش، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تېرە خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2) ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەنقىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاپ تۇرۇش، بولۇپمۇ بەدەندە ماددىلارنىڭ قېيىپ قالغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، يەنى ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش، تولا ئۇسساش، ئىسسىق نەرسىلەردىن سەسكىنىپ سوغۇق نەرسىلەرنى خالاش، كۆڭلى ئاينىش، كۆڭلى تاماق خالىماسلىق، قەۋزىيەت بولۇش، گۆش-ياغ ۋە مايلىق نەرسىلەردىن سەسكىنىش، كۆز ئېقى، تىلى ۋە چىرايى ساغۇچ بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە، تېز سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە مۇۋاپىق تەنقىيە قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا قەي قىلىش، ئىھتىياجىغا قاراپ قان ئالدۇرۇش ۋە يەڭگىل تەنھەرىكەت قىلىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ بەدەننى تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3) ئەگەر بەدەنگە ھەر خىل ئەسۋە، مۇدۇر-چاقا، دانىخورەك قاتارلىقلار چىقىش ئالامىتى كۆرۈلسە ھارارەت پەسەيتكۈچى مېۋە قىياملىرىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
4) تەبىئىتى زىيادە ئىسسىق بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش، تەبىئىتى ئادەتتىكىچە ئىسسىق بولغانلىرىنىمۇ ئېھتىيات بىلەن يىيىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك. بەك تويۇنۇشتىن، گۆش-ياغ ۋە باشقا ھۆل ئىسسق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ۋە تۇزلۇق، ئۆتكۈر نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز قىلش كېرەك.- ياز پەسلىدىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى
بۇ پەسىلدە ئىسسىق سەۋەبىدىن نەپەس ۋە يۈرەك ھەركىتى ئاستىلايدۇ. مۇسكۇللار بوشاپ بەدەن تەرلەيدۇ. بەزىدە ئىسسىقلىق تەسىرىدە بەدەنگە ئەسۋە چىقىدۇ، بەدەندە قۇرۇقلۇق غەلىبە قىلغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئۇيقۇ ئازىيىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، ئىشتىھا كېمىيىدۇ، سەپرادىن بولغان قىزىتما، تەپ، سەپرالىق قەي، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۇز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1) تومۇز ئىسسىقتا ئىسسق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك ئېلىۋىلىش، بەدەننى، بولۇپمۇ باش، گەردەن ۋە ئومۇرتقىنى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلاش لازىم. بولمىسا قىزىتما ۋە مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ خەۋپى بولىدۇ.
2) ئىسسىق مۇھىتتا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك، بەدەن تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىچىش لازىم. بولمىسا ئاشقازان ۋە جىگەر قان تومۇرلىرىدا قان يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق مۇھىتتىن بىردىنلا ئىسسىق مۇھىتقا چىقماسلىق، ئىسسىق مۇھىتتىن بىردىنلا سوغۇق مۇھىتقا چىقماسلىق كېرەك.
3) كۈچلۈك تەنھەرىكەت ۋە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماسلىق، تىنچ ئارام ئېلىش كېرەك.
4) يېمەك-ئىچمەكتە ئېھتىيات قىلىش، تويۇنۇپ كەتمەسلىك، تاماق تازىلىقى ۋە تاماقلىنىدىغان سورۇننىڭ ساپ، رەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ گۆش-ياغنى ئازراق ئىستېمال قىلىش، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئىچىش، بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولۇقلاپ تۇرۇش، قاپاق،تەرخەمەك، ئوسۇڭ، پالەك، بەسەي ۋە سېمىز ئوتقا ئوخشاش ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنى ياشارتىش رولى بولغان ھۆل سوغۇق كۆكتاتلارنى يىيىش لازىم. ھەر خىل مېۋە-چىۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ.
5) ئىچىملىكلەردىن سەندەل شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، سىركەنجىبىن شەربىتى، لىمون شەربىتى ۋە بىدمىشكى ئەرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش تەبىئىتى سوغۇق، كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلغۇچى شەربەتلەرنى ئىچىپ بېرىش لازىم.
6) ياز پەسلىدە كىشىلەر سويۇقلۇق ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان سۇسلىشىپ ئىشتىھا ئاجىزلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاماق بىلەن بىرلىكتە سىركە، پىياز، تەمرى ھىندى، ئەينۇلا ۋە ئاچار سەيگە ئوخشاش يېمەكلىك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىشتىھانى ئېچىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.