غىزالىنىش ئۆلچىمى
ھەرقانداق ئادەم ئوزۇقلىنىشتا،ئۆزىنىڭ مىزاجى، جىسمانىي قۇۋۋىتى،جىنسى،يېشى،ئەمگىكى،پەسىل ۋە بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى،قۇرساقنى بەك تويغۇزىۋەتمەسلىكى ياكى ئاز ئوزۇقلۇنۇپ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتمەسلىكى لازىم.
1) ياش بويىچە غىزا يېيىش مىقدارى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ سىڭىشلىك سىڭىشلىك غىزا ئانا سۈتىدۇر.بالىلار ئۆسىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان غىزالارغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ مىزاجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا قۇۋۋەت ماددىلىرى كۆپ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.ياغلىق ھەم كىراخماللىق غىزالارمۇ بالىلارغا ماس كېلىدۇ.ياشانغانلارنىڭ بۇلارغا بولغان ئېھتىياجى ئازراق بولىدۇ.شۇڭا، ياشانغانلارغا ياغلىق، ئاقسىللىق غىزالارنى ئاز بېرىش لازىم.كراخماللىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا قاراپ كۆپەيتىش كېرەك.ئامال بار ھەركىم ئۆزىنىڭ مىزاجغا ماس كېلىدىغان غىزالارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.
2)جىنسى بويىچە غىزا يېيىش مىقدارى: ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەر جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن،ئەرلەرنىڭ غىزاغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.شۇڭا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا غىزانى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.ئىسسىق پەسىلگە قارىغاندا سوغۇق پەسىلدە ئوزۇقلۇقلارغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك بولىدۇ بولۇپمۇ ئادەم ئورگانىزمىدا ھارارەت پەيدا قىلىپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرغۇچى غىزالاردىن مەسىلەن، قايماق، گۆش، تۇخۇم، سېرىقماي، شېكەرلىك، كراخماللىق غىزالارنى قىشتا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، يازدا ئازراق ئىستېمال قىلىش، ئەمما ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى سوغۇقلۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياز پەسلىدە ئەھۋالغا قاراپ كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.لېكىن، بەك سوغۇق سۇ، مۇز سۈيى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىچمەسلىك لازىم. كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان سوۋۇپ ھەزىم بۇزىلىدۇ.
3) پەسىل بويىچە غىزا يېيىش مىقدارى:سوغۇق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەر ئىستېمال قىلىدىغان غىزالارنى ئىسسىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەر ئىستېمال قىلسا سىڭمەيدۇ.ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ يۇمشاق غىزالارغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمگىكىدە قۇۋۋەت ئاسان تارقاپ كەتمەيدۇ.لېكىن مېڭە ۋە نېرۋىدا قۇۋۋەت كۆپ سەرپ بولۇش تۈپەيلىدىن ھەزىم بىر ئاز ئاجىزلاپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،بۇنداق ئادەملەر تېز ھەم ئاسان سىڭىدىغان، بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان غىزالارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
4)ئوزۇقلىنىش ۋاقىتلىرى: غىزا يېيىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەش كۈندىكى مەشغۇلاتنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بولىدۇ. لېكىن، غىزانى ھەمىشە مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە يەپ ئادەتلەنگەن ياخشى.بۇنداق قىلماي خالىغان ۋاقىتتا غىزا ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىپ قالسا، ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە ھەزىم قىلىش خىزمىتى بۇزۇلىدۇ.كىچك بالىلار ھەر ئۈچ سائەتتە،چوڭلار 4-5سائەتتە بىر قېتىم غىزالانسا بولىدۇ.ھەر قانداق غىزا 4 سائەتتىن 4:30 سائەتكىچە سىڭىپ بولىدۇ. ئاشقازاننى يېرىم سائەت ئەتىراپىدا دەم ئالدۇرۇپ غىزالانسا ياخشى ھەزىم بولىدۇ. بەدىنى ئاجىز ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەر بەك تويۇپ ئوزۇقلانسا بولمايدۇ.ئادەم ھەر4-3 سائەتتە بىر قېتىم، ئاز-ئازدىن ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.بۇنداق قىلغاندا غىزالار ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بىمارلارغا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ سۈت، شېكەر، نوقۇت سۈيى، شورپا ئېشى ۋە يېيىش ئاسان، سىڭىشى تېز غىزالارنى بېرىش كېرەك.غىزانى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا ھەزىمنى بۇزۇپ قورساقتا يەل پەيدا قىلىپ قويىدۇ،قورساقنى تولغاپ ئاغرىتىدۇ.سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇپ باشنى قايدۇرىدۇ،ئاغرىتىدۇ،كۆڭۈلنى ئىلەشتۈرىدۇ، قۇستۇرۇپ،قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ ياكى ئىچىنى سۈرىدۇ.مۇپاسىل، ئاشقازان يارىسى،نىقرەس،بۇۋاسىر ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.تاماقنى كۆپ يېيىش ئادەمنى ئاجىز ھەم ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. بەدەننى سەمرىتىپ ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ تاتلىق ۋە ياغلىق نەرسىلەرنى،گۈرۈچ،گۆشلەرنى كۆپ يەيدىغان، ئەمما جىسمانى ئەمگەك قىلمايدىغان ئادەملەر سەمىرىپ كېتىش نەتىجىسىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بوغۇم ئاغرىقلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىيدۇ.
غىزانى بەك ئاز ئىستېمال قىلىش،ئېھتىياجغا قاراپ غىزا يېمەسلىك ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قېلىش بەدەننى كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلىتىۋېتىدۇ.بەدەن تەبىئي
ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچ سۈرۈش، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئادەم تەبىئىتىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئاسان يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.ئەزالار كۈچسىزلىنىپ،ئادەم ھارغىن كۆرىنىدۇ. يۈرىكى ۋە نېرۋىسى ئاجىزلاپ زېھنى قۇۋۋىتى قالايمىقانلىشىدۇ.كىشىلەر ئۇزاق مەزگىل قۇۋۋەتلىك، تۇز تەركىبى كۆپ ئوزۇقلۇقلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالسا، قان بۇزۇلۇش، مەددە قۇرت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ناھايىتى مۇھىم.