ئۇزۇقلۇق نەزەرىيەسى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
تەركىبى: ھەر 100 گرام تۇرۇپ تەركىبىدە ئاقسىلدىن 0.6 گرام، قەنتتىن 6 گرام، ۋىتامىن B1 دىن 49 مىللىگرام، ۋىتامىن B2 دىن 0.04 مىللىگرام، ۋىتامىن PP دىن 0.5 مىللىگرام ۋە ۋىتامىن C دىن 33 مىللىگرام بار.
خۇسۇسىيىتى: ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى: تۇرۇپنى خام تەپ بەرسە گال ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ. تۇرۇپنى نېپىز يالپاقلاپ ئۈششۈپ قالغان ئورۇنغا كۈنىگە نەچچە قېتىم تاكى قىزىقلىق ھېس قىلغۇچە سۈرتسە ئۈشۈكنى ساقايتقىلى بولىدۇ. ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىدە پۇتنى يۇيسا پۇت تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ دائىم ئىچىپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بىر كىلوگرام كۆك تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغرىغاندىن كېيىن 300 مىللىلېتىر سۇغا سېلىپ، 100 مىللىلېتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، تۇرۇپ قالدۇقلىرىنى سۈزىۋېتىپ سۈيىگە 200 گرام ساپ ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يوغان قوشۇقتا بىر قوشۇق ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشنى، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېزىپ 300 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 30 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە دەم سىقىشنى ياخشىلايدۇ.
كۆك تۇرۇپنى سىقىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىگە تەڭ مىقداردا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ئېغىز بوشلىقى ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىقىپ چىقىرىلغان 50 گرام تۇرۇپ سۈيىگە نېلۇپەر يوپۇرمىقى سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قان ئارىلاش قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قېلىنراق يالپاقلاپ، مەشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قىزىتقاندىن كېيىن ئۈشۈپ قالغان يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە (بۇ ئۇسولنى تاكى ئۈنۈمى بولغۇچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك)، ئۈشۈكتىن بولغان قىچىشىش ۋە ئۈشۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
يېڭى تۇرۇپنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان 500 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا بورنىئول(بىڭپىيەن) ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە 3-4 قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ (باشنىڭ سول تەرىپى ئاغرىسا بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشىكىگە، باشنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا بۇرۇننىڭ سول تەرىپىگە تېمىتىش كېرەك).

تۇرۇپنى خام يەپ بەرسە ياكى 50 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقىنى چالىراق قورۇۋېتىپ قايناقسۇ بىلەن دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
ئېتىزلىققا قىروۋ چۈشكەندە يۇلۇۋالغان تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، بەلغەملىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان تۇرۇپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ قالدۇقلىرىنى سۈزىۋېتىپ، سۈيىنى سوۋۇتۇپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام تۇرۇپ سۈيىگە 50 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى پات-پات ئىچىپ بەرگەندە، كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلىنىشنى تېزدىن ساقايتقىلى بولىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپ ئۇرۇقىنى سارغايغىچە قورۇپ، تالقانلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئازراق شېكەر قوشۇلغان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئادەتلىنىش خاراكتىرلىق قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى ئېتىپ، خېمىر بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، ھەسەل بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشىرىدۇ. تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ زەھەرلىك ھاشارەتلەر ۋە يىلان چاققان ئورۇنغا چاپلىسا زەھەرنى ئالىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، رەڭگى-روھىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. تۇرۇپ يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، 30 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، تاماق سىڭدۈرىدۇ، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، ئىسىتقا ۋە يەرقان كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىنى چىقىرىپ سىركەنجىۋىل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ غەر-غەر قىلسا ئاۋازنى ئاچىدۇ. ئەتىيازلىق تۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە، يەللەرنى تارقىتىپ، گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام ھالەتتە توغراپ تۇز سېپىۋېتىپ يەپ بەرسە. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.

«كۆكتاتلارنىڭ شىپالىق رولى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button