دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋىلەر ۋە ساغلاملىق
مېۋىلەر-كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مېۋىلەردە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق تالالىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. شۇڭا، مېۋىلەرنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئستېمال قىلىپ بەرگەندە، ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى (نەبىئەت كۈچى ) نى ئاشۇرۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مېۋىلەردە كۆپ خىل ۋىتامىن مول بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ نەچچە ھەسسىسىدىن نەچچە ئون ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ( باشقا يېمەكلىكلەردىن ) ناھايىتى مول. ۋىتامىن C ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسىنى كۈچەيتىپ،توقۇلمىلاردىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم مېۋە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى (تەبىئەت كۈچى) ئاشىدۇ. قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشىلىنىدۇ. ئۇ يەنە راكقا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
مېۋىلەردىكى مىنېرال ماددىلار ئاساسلىقى كالتسىي، كالىي، ماگنىي ۋە ناترىي قاتارلىقلار بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننىڭ كىسلاتا، ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
مېۋىلەردىكى ئوزۇقلۇق تالالىرى ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتلىكنى يوقىرىدۇ، ئۈچەيدىكى زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. مىۋىلەردە يەنە مۇل بولغان گلۇكوزا، فرۇكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلار بولۇپ ئورگانىزىم تەرىپىدىن بىۋاسىتە سۈمۈرۈلۈپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ.
ئۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ماي، ئاقسىل ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ئۇرۇق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇرۇق مېۋىسى تەركىبىدە سېلېن مول بولۇپ، نەپەس يوللىرى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىمىۇنىتېت كۈچى ( تەبىئەت كۈچى) نى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، مېۋىلەرنى مۇۋاپىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنمىۇ ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ.