ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

كەچلىك تاماقتا دىققەت قىلىدىغان 3 نۇقتا

  1. كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېمەسلىك:كەچلىك تاماقنى بالدۇر يىيىش بۆرەكتە تاش پەيدا بۇلۇشنى ئازايتىدۇ. كەچلىك تاماقنى بالدۇر يىيىش تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلغان سالامەتلىكنى ئاسراش پىلانى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، كەچلىك تاماقنى بالدۇر يىيىش سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىكەن، ئادەمنىڭ كالتسىينى چىقىرىش ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى 4-5 سائەت بولۇپ،ئەگەر تاماقنى بەك كەچ يېسە، كالتسىينى چىقىرىش يۇقىرى پەللىسىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئادەم ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغان بولىدۇ. سۈيدۈك بولسا سۈيدۈك تۇشۇش نەيچىسى، دوۋساق قاتارلىق ئورۇنلاردا توسۇلۇپ قېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىيالماي، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا چۆكۈپ كىرىستالغا ئايلىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاستا-ئاستا تاشقا ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا كەچ سائەت 6 لەر ئەتراپىدا كەچلىك تاماق يىيىش ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتۇر.
  2. كەچلىك تاماقنى بەك گۆشلۈك يېمەسلىك:كەچلىك تاماقتا سۇ سەي يىيىش كېرەك. سۇ سەي راكنى كونترول قىلىدۇ. ئاقسىل، مايلىق يېمەكلىكلەرنى قانچە ئازيېسە شۇنچە ياخشى. ئەگەردە مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، قاندىكى ماينىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىشىچە، كەچلىك تاماقتا گۆش يېگەن ئادەملەرنىڭ قاندىكى ماي ماددىسى سۇ سەي يىگەن ئادەملەرنىڭكىدىن 2-3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

كاربونلۇق-سۇ بىرىكمىلىرى ئادەم بەدىنىدە سېروتونىن (血清素) ھاسىل قىلىپ، تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئۇيقۇسىزلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. لېكىن ھازىرقى تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئائىلىلەر كەچلىك تاماقنى مول تەييارلايدۇ. بۇ سالامەتلىككە پايدىسىز. كەچلىك تاماقتا كۆپ مىقداردا گۆش، ئاقسىل، سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كالىتسىي مىقدارى ئازىيىپ، بالىلىرىدا راخىت كېسىلى، ياشلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىك، چوڭلاردا سۆڭەك بوشىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالىتسىي قۇيۇقلىقى ئۆرلەپ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قوبۇل قىلغان ئاقسىل كۆپ بولسا، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلالماي، ئۈچەيدە تۇرۇپ قالىدۇ ۋە خاراكتېرنى ئۆزگەرتىپ ئاممونىي ۋە ھىدرو سۇلفىد قاتارلىق زەھەرلىك زەھەرلىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ راك پەيدا قىلىدۇ.

  1. كەچلىك تاماقنى بەك تويغىچە يېيىشتىن ساقلىنىش:كەچلىك تاماقنى قانچە ئاز يىسە ئۇيقۇسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كۆپ يىسە،خولېستېرول (胆固醇)نىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ، جىگەرنى غىدىقلاش، كۆپ مىقداردا تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى ۋە يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئاقسىل مېيىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت كەچلىك تاماقنى تويغىچە  يىيىش، ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئىنسۇلىن B ھۈجەيرىسىنىڭ بالدۇر قېرىپ ئۈلۈشىنى ۋە دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كەچلىك تاماقنى تويغىچە يېيىش ئاشقازاننى كىرىپ، ئەتراپتىكى باشقا ھۈجەيرىلەرنى بېسىپ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت، قاتارلىق ئەزالارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى جىددى خىزمەت ئەھۋالى چوڭ مېڭىگە بارغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ باشقا ئورونلىرىغىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button