يېمەك-ئىچمەك ۋە سالامەتلىك
قايناق سۇ بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىچىملىك
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈرلۈك ئىچىملىككە سېلىشتۇرغاندا، ئىلمان ھالەتتىكى قايناق سۇ بەدەندىكى دېگىدارازالاكتىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇسكۇلغا يىغىلىپ قالغان «چارچىتىدىغان ماددا» سۈت كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىگە يەتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سۇنىڭ ئادەتتىكى ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى ماددىلاردا بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك رولى بار:
(1) ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئالماشتۇرغۇچى ماددىلارنى بەدەن ئىچىدە توشۇپ ئالماشتۇرۇشىدا سۇ توشۇغۇچى رولىنى ئوينايدۇ.
(2) سۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىدىكى تېمپېراتۇرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.
(3) سۇ ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلار ئارىسىدىكى سىلىقلىغۇچى ماددىدۇر.
(4) سۇ كۈچلۈك ئېرىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل ئورگانىك ۋە ئانىئورگانىك ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېرىتەلەيدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشتا كېرەكسىز ماددىلار سۇنىڭ رولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا تازىلاپ چىقىرىلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر «بالىلارغا نىسبەتەن قايناق سۇ ئەڭ ياخشى ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ» دەپ تەكىتلىمەكتە.
قانداق يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ئادەمنى تېز سەمرىتىۋېتىدۇ؟
تاماقنى تېز يەۋېتىش
سېمىز ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولۇپ، بىر نەرسىنى تېز يەيدۇ. ھەتتا ئالدىراپ چالا-بۇلا يۇتۇۋەتكەچكە، يېگەن تاماق تولۇق چايناپ ئېزىلمەيلا گالدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئوزۇق بوتقىسىغا ئايلىنىپ بولالمايلا ئاشقازان دىۋارىغا چاپلىشىپ قاقارغۇچە ھەددىدىن ئارتۇق يېمەكلىدۇ. شۇڭا كۆپ يېسىمۇ، قورساق تويمىغاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ. شۇنداقلا چاينىغان ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك نېرۋىلار زىيادە روھلىنىش ھالىتىدە كىرىپ ئىشتىھاسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاماقنى تېز يېگەچكە قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەپ، چوڭ مېڭە يېمەك ئىشتىھا مەركىزى توختاش سىگنالى چىلىكلەرنى يەۋېتىدۇ.
پارچە-پۇرات يېمەكلىكنى توختىماي يېيىش
بەزى سېمىز كىشىلەر بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياش سېمىز ئاياللار قارىماققا تاماقنى ئاز يېگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما پارچە-پۇرات يېمەكلىكنى توختىماي يەۋەرگەنلىكتىن، بەدىنىگە جۇغلانغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەسلىك
نۇرغۇن ئاياللار«قورساقنى ئاچ قويۇپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى» نى قوللىنىپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى ئاز يېيىش، ھەتتا يېمەسلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىكى قورساقنىڭ بوشلۇق تۇيغۇسى ئېشىپ كېتىپ، يېمەكلىكنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھالبۇكى مول بولغان چۈشلۈك تاماق تېزلا سۈمۈرۈلۈپ ماي ھاسىل قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سەمرىتىۋېتىدۇ.
كەچلىك تاماقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى
نۇرغۇن ئادەملەر ۋاقىت سەۋەبىدىن ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تاماقنى ئاددىيلا يەيدۇ، كەچ بولغاندا ۋاقىتمۇ كەڭرى بولغاچقا توخۇ، بېلىق، گۆش، تۇخۇم ۋە ھەرخىل سەيلەر بىلەن غىزالىنىدۇ. ئەمما تاماقنى بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلمىي ئەمەس. چۈنكى يېمەكلىكلەر بەدەندە ھەزىم بولغاندىن كېيىن، بىر قىسمى قانغا كىرىپ قان يېغىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاخشامدا قان تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن مىقدارى شۇ بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بولۇپ، ئۇ قاندىكى شېكەرنى ياغقا ئايلاندۇرۇپ، قان تومۇرى دىۋارى ۋە قورساق دىۋارىدا ماينى قاتۇرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانچە ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ.
بەزى يېمەكلىكنى كۈچەپ يېيىش
بەزى يېمەكلىكنى كۈچەي يېگەندە قۇۋۋەتنى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، بەزى قۇۋۋەت ئېلمېنتلىرى يېتىشمەيدۇ. ھازىرقى بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، ۋىتامىن B يېتىشمىسە، سېمىزلىك پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ۋىتامىن B ياغنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ. ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا قاتنىشىدىغان B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلاردىن B1,B2,B6 قاتارلىقلار بار. بۇنداق ۋىتامىنلارنىڭ ئاساسلىقى يىرىك گۈرۈچ، بۇغداي كېپىكى ۋە كۆپلىگەن سەي-كۆكتات، مېۋە تەركىبىدە ساقلىنىدۇ.
بەدەندىكى بۇلغىنىشنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىدىغان يېمەكلىكلەر
(1) يېشىل ماش شورپىسى: بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەملىشىپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(2) لامىنارىيە: بەدەندىكى رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ.
(3) قارا ساڭراۋ قۇلاق (مۇئېر) ۋە زەنبۇرۇغسىمان ئۆسۈملۈكلەر: قان زەردابىنى تازىلاپ، زەھەرنى ياندۇرىدۇ. ئۇزاققىچە ئىستېمال قىلسا بەدەندىكى بۇلغىنىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۈگىتىدۇ.