ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

بەدىنىمىزدىكى توكسىننى قانداق چىقىرۋېتىشىمىز كېرەك؟

توكسىننى قانداق چىقىرىۋەتسەك تېخىمۇ راۋان بولىدۇ؟
1. ئاچچىق نەرسە ئارقىلىق توكسىننى چىقىرىپ تاشلاش. ئالدى بىلەن نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆزىكىنى(莲子芯) تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ ئاچچىق تەملىك بولۇپ يۈرەكتىكى سەپرانى تارقىتىدۇ، گەرچە سوغۇقلۇق بولسىمۇ بەدەندىكى ياڭچىنى(阳气) زىيانغا ئۇچراتمايدۇ، شۇڭا ئىزچىل يۈرەكتىكى ئىسسىق زەھەرنى ھەيدەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆزىكى بىلەن چاي دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە ئازراق بامبۇك يوپۇرمىقى ياكى خام چۈچۈكبۇيا قوشىۋەتسە ئۇنىڭ زەھەر تازلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
2. يۈرەكنىڭ زەھەر ھەيدەيدىغان  پەللىسىنى بېسىش. بۇ شاۋفۇ(少府) پەللىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئورنى ئالىقان مەركىزىدە يەنى 4،5-ئالىقان سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدا، مۇشتىنى تۈرگەندە چىمچىلاق بارماق بىلەن نامسىز بارماقنىڭ ئۆگىسى ئارىسىدا بولىدۇ. بۇ پەللىنى باسقاندا ئازراق كۈچ ئىشلەتسىمۇ ھەم ئوڭ-سول قولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
3. ماش زەھەر ھەيدەشكە پايدىلىق. ماش سۈيدۈكنى كۆپەيتىش ۋە ئىسسىقنى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يۈرەكتىكى توكسىننى تازىلايدۇ ۋە ئازايتىدۇ، لېكىن ماشنى ئىستېمال قىلغاندا سويۇقلۇق ھالىتىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن ماش بوتقىسى ياكى ماش شورپىسى دېگەندەك. ماش پېچىنىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
يۈرەكنىڭ ئەڭ ياخشى زەھەر ھەيدەش ۋاقتى: چۈش ۋاقتى 11~13 بولسا يۈرەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقتى، بۇنداق ۋاقىتتا مەلۇم مىقداردا يۈرەك ئاسرايدىغان ۋە زەھەر ھەيدەشكە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: پالما مەرىزى(茯苓)، پوستلىق مېۋىلەر، سېرىق پۇرچاق، قارا كۈنجۈت(黑芝麻)، قاغا چىلىنى(黑芝麻)، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button