ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

سەمىرتۋەتمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ

سۈت
سۈتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوروتىك كىسلاتا ۋە كالتسىي بار بولۇپ، ئۇلار خولېستېرىننىڭ ئارتېرىيە دىۋارىغا ئورناپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە خولېستېرىن سىنتېتازانىڭ ئاكتىپلىقىنى توسۇپ، خولېستېرىن ھاسىل بولۇش مىقدارىنى ئازايتىدۇ.
ئۈزۈم
ئۈزۈم، ئۈزۈم شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئاق لويلا ئالكوھولى(白黎芦醇 خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان تەبئىي ماددا.ھايۋانات تەجرىبىسىدە ئىسپاتلىنىشچە، ئۇ خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ بىر جايغا توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا ئۈزۈم قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
قوناق
قوناقنىڭ تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، سېلېن، لېتسىتىن ۋە ۋىتامىنEلارنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، قان پلازمىسىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئىندىئانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى  قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ قوناقنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقىدىندۇر.
ئالما
ئالما تەركىبىدە مېۋە يېلىمى، سېلليۇلوزا ۋە ۋىتامىنCبولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئەگەر ھەر كۈنى ئىككى تال ئالما يېيىشنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، قان تەركىبىدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى قان ئاقسىلى (قان-تومۇرلارغا زىيىنى بار ماددا ) نىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەپ ،قان-تومۇرلارغا پايدىلىق بولغان يۇقىرى زىچلىقتىكى قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ. تەجرىبىدە %80 قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قېنىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ئىسپاتلانغان.
سامساق
سامساق بولسا تەركىبىدە گۈڭگۈرتلۈك بىرىكمە بار بولغان ئارىلاشما ماددا بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقىرى زىچلىقتىكى قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرىلىتىش رولى بار.
كۈدە韭菜
كۈدىنىڭ تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىن، ۋىتامىن بولۇشتىن سىرت، يەنە كاروتېن، سېلليۇلوزا قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، تاھارەتنى ياخشىلايدۇ. ئۈچەيدىكى ئارتۇقچە ماددىلارنى ( ئارتۇقچە ياغنى ) چىقىرىپ تاشلايدۇ.
پىياز
پىيازنىڭ تەركىبىدە پروستاگلاندىن前列腺素 بولۇپ، بۇ ماددا قان-تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. پىيازنىڭ تەركىبىدە يەنە烯丙基三硫化合物كىسلاتا بار بولۇپ، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي يەنە ئارتېرىيە تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر سامساقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
موگۇ 香菇
موگۇ قان پلازمسىدىكى خولېستېرىن، گېلتسىرىن، تكۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.دائىم ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرلاتقىلى بولىدۇ.
تەكيە كاۋا 冬瓜
تەكيە كاۋىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ئارتۇقچە مايلار چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئورۇقلاش مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ.
سەۋزە
سەۋزىنىڭ تەركىبىدە果胶酸钙 مىقدارى مول بولۇپ، بۇ ماددا ئۆت سۇيۇقلىقى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، چوڭ تاھارەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلىدۇ. بەدەندە ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرلىشى ئۈچۈن قاندىكى خولېستېرىن زۆرۈر بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ.
دېڭىز يۇسۇنى海带
دېڭىز يوسۇنىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تائۇرىن بار纤维藻酸。كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى ماي مىقدارىنى ھەم ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button