دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان مايلار ۋە ساغلاملىق
ئادەتتە، ئىستېمال قىلىنىدىغان مايلار-ھايۋانات مايلىرى ۋە ئۆسۈملۈك مايلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ماي تەركىبىدە ماي كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلار بولۇپ ، مۇۋاپىق مىقداردا ئستېمال قىلسا، تۈرلۈك كېسەللىكلەر جۈملىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ (بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك مېيى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە مايلار بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ( بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھايۋانات مېيى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ). لېكىن ھايۋانات مېيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خولېستېرىن بولغاچقا، بەك كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىش ۋە سېمىزلىك قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.