9 خىل تەبئىي چىش ئاسراش يېمەكلىكى
ساغلاملىق ئوزۇقلۇقدىن كىلىدۇ. پاكىزە، مەزمۇت بولغان چىشقا ئىگە بولۇش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسىدۇر. چىش ساغلاملىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشتىن باشقا يەنە مۇنۇ چىش ئاسرايدىغان يىمەكلىكلەرنىڭمۇ كۆپ ياردىمى بولۇپ، بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر چىشنى پاكىزلاپ مىكروپقا قارشى تۇرىدۇ.
كەرەپشە: تەركىبىدە يىرىك تالا كۆپ بولۇپ، كەرەپشىنى چاينىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ خۇددى چىشىڭىزغا ياردەملىشىپ چوڭ تازىلىق ئېلىپ بارغاندەك بولىسىز-دە، چىش يۈزىگە چاپلىشىۋالغان مىكروپلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، چىش دىغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قانچە كۈچەپ چاينىغاندا، شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى شۇنچە غىدىقلاپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق مىقتارىنى تەڭشەپ، تەبئىي ھالدا مىكروپقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ..
موگۇ: تەملىك بولغان قورۇمىلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتىشتىن باشقا، موگۇنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىكلەر(多糖体) ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروپلارنىڭ چىش دىغى (牙菌斑) كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قىچا تالقىنى: خام بېلىق يىگەندە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇشتىن باشقا يەنە تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى غەيرىي كىسلاتالىق سىئانىد كىسلاتاسى (异酸氰酸) قۇرت يىگەن چىشتىكى زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيەسىنىڭ (龋齿的变形链球菌) كۆپۈيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
باشپىياز: باش پىياز تەركىبىدىكى سوفىد بىرىكمىسى ئۈنۈملۈك بولغان باكتىرىيەگە قارشى تۇرغۇچىدۇر، قۇرت يىگەن چىشتىكى زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيەسىنى يوقىتالايدۇ، بولۇپمۇ يېڭى خام باش پىيازنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قايناقسۇ: قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ ئاددىي بولغان شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان چىش ئاسراش ئۇسۇلىدۇر. نۇرمال مىقداردا سۇ ئىچىش چىش مىلىكىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىلىشىنى غىدىقلايدۇ. تاماقتىن كېيىن، ئازمىقداردا سۇ ئىچكەندە ئېغىزدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا چىش دىغىنىڭ ئاسانلا پەيدا بولۇپ، چىشقا زەخىم يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا چىشنى ساغلاملاشتۇرۇپ چىڭىتىدۇ.
پىشلاق: ئۈزۇن مەزگىللىك كالتىسى يېتىشمەسلىك چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پىشلاق كالتىسىينىڭ ياخشى مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چىشقا نىسبەتەن قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پىشلاقنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسى ۋە فوسفات (磷酸盐) ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق مىقدارىنى تەڭشەپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىرىيىنىڭ پائالىيىتىگە پايدىلىق بولغان كىسلاتالىق مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپ بولغان مېۋە كۆكتاتلار: پەمىدۇر، كاپۇستا، مايمۇن شاپتۇلى، ستروس، بېھى، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مىۋە، كۆكتاتلار ۋىتامىن Cنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئېنىرگىيە تولۇقلاپلا قالماستىن، چىشنىمۇ ئاسرايدۇ .ئېغىز پۇرىقىنى ساپلاشتۇرىدۇ.
يېشىل چاي: تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا فتور (氟) بولۇپ، چىش تۈۋىدىكى ئاپاتىت (磷灰石) بىلەن بىرىكىپ، كىسلاتالىشىش ۋە چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە. شۇنداقلا تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېشىل چاينىڭ تەركىبىدىكى كاتېخولامىن (儿茶酚) ئېغىز بوشلۇقىدىكى چىشنى قۇرت يىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيەسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، چىش بوشلۇقىدىكى غەيرى پۇراقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.
يالپۇز: يالپۇز چىش مىلىكى ياللۇغى، ئىشىش قاتارلىق يېقىمسىزلىقلارنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدا باكتىرىيە ئۆسۈشىنى تىزگىللەيدۇ.