ئۇزۇقلۇق ئىلمى
تۇرۇپ پوستىنىڭ پايدىسى كۆپ
جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. تۇرۇپ پوستىنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.
- تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. تۇرۇپ پوستىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۈچەينى كېڭەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
- تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىسسىق قايتۇرىدۇ.
- ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. تۇرۇپ پوستى تەركىبىدە تۇرۇپ گۈڭگۈرتى بار بولۇپ، تېرىنى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ.
- قان شېكىرى،قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ. تۇرۇپ پوستى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ياخشى يېمەكلىكى، ئۇنىڭ يەنە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
- تۇرۇپ پوستىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ.