ئۇزۇقلۇق ئىلمى

تاتلىق بەرەڭگىنى كۆپ يېگەننىڭ پايدىسى يوق

قىشتا تاتلىق بەرەڭگە يەيدىغانلار كۆپ، تاتلىق بەرەڭگە ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، بىراق كۆپ يەۋالسا يەنىلا ئادەمگە زىيان قىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، تاتلىق بەرەڭگىنى بىر قېتىمدا ئۈچ سەردىن كۆپ يېمىگەن تۈزۈك، چۈنكى تاتلىق بەرەڭگە ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە كاربون تۆت ئوكسىد پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۆپ يېسە قورساقنى كۆپتۈرۈپ، ھېق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ.

يەنە ئاچ قورساققا كۆپ يېمىگەن ياخشى، بولمىسا ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ، قورساقنى بىئارام قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاتلىق بەرەڭگە يېگەندە تاماقنى ئاز يېگەن ياخشى، چۈنكى تاتلىق بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كىراخمال كۆپ، ئىسسىقلىق نىسبەتەن يۇقىرى، شۇڭا تاتلىق بەرەڭگە تاماقنىڭ رولىنى ئويناپ، ساغلاملىققا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. بىراق ئاشقازان يارىسى، سوزۇلما ئاشقازان يارىسى ئاغرىقلىرى بەرەڭگىنى ئاز يېگىنى تۈزۈك. ناۋادا تاتلىق بەرەڭگىنىڭ قورساقنى كۆپتۈرىۋېتىشىدىن ئەنسىرىسە، تاتلىق بەرەڭگىنى گۈرۈچ بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button