خام دورىلار

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﯩﺮى، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪر، ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎﺗـلار ۋە ﻣﻪدەﻧـلاردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.
1. ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪە ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﭼﯚﭘﻰ، ﻏﻮﻟﻰ، ﻗﻮۋزﯨﻘﻰ، ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﻰ، ﺷﺎﺧﻠﯩﺮى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﮔﯜل ﭼﯧﭽﯩﻜﻰ، ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ، ﺋﯘرۇﻗﻰ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﻣﺎﻳﻠﯩﺮى، ﻣﯧﯟە ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﻳﯩﻠﯩﻤﻰ، ﺳﯜﺗﻰ، ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﯘﺳﺎرﯨﺴﻰ، ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن روﺑﺒﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى دورﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜل، زەﭘﻪر، ﺳﻪرﻓﯩﺴﺘﺎن، ﻛﺎﺳﯩﻨﻪ ﺋﯘرۇﻗﻰ، ﻛﺎﺳﯩﻨﻪ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى، ﺳﻪﻧﺪەل، ﺋﻪﭘﻴﯘن، ﺋﻪﻧﺠﯜر ﺳﯜﺗﻰ، روﺑﺒﯩﺴﻮس، ﺑﺎدام ﻳﯧﻐﻰ، ﺳﺎزەج، دارﭼﯩﻦ، ﺑﺎدﯨﺮەﻧﺠﻰ ﺑﯘﻳﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك دورﯨـلارﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣـلاﺷﺘﯘرۇپ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا «ﺋﻮت – ﭼﯚپ دورﯨـلار» ﻳﺎﻛﻰ «ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك دورﯨـلار» دەپ ﺋﺎﺗﯩﯩﺪۇ.


2. ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎت ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار
ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎت ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار ﮬﺎﻳﯟاﻧـلار، ﻗﯘﺷـلار، ﻗﯘرت – ﻗﻮﯕﻐﯘزلار، دﯦﯖﯩﺰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﺘﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘـلاردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨـلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ، ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎﺗـلاردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرﯨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى، ﺋﺎﺟﺮاﺗﻤﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺗﯧﻨﻰ دورﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﯩﭙﺎر، ﺋﻪﻧﺒﻪر، ﭼﺎﻳﺎن، ﻳﯩـلان، ﻓﻪﻧﯩﺮﻣﻴﻪ، ﺋﯘلار ﮔﯚﺷﻰ، ﺗﯚﮔﻪ ﮔﯚﺷﻰ، ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﻰ، ﺑﯘﻗﺎ ﭼﻮﻳﯩﺴﻰ، ﺗﻮﺧﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻗﯘﺷﻘﺎچ ﭼﺎﯕﮕﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻏﺎ ﻣﯜﯕﮕﯜﭼﻰ، رﯦﮕﯩﻤﺎﮬﻰ، ﺳﻪﻗﻪﻧﻘﯘر، ﻗﻮي ﺟﯧﮕﯩﺮى، ﺑﯚرە ﺋﯚﺗﻰ، ﭘﯩﻠﻪ ﻏﻮزﯨﻜﻰ، ﺋﯧﺸﻪك ﺳﯜﺗﻰ، ﻛﺎلا ﺳﯜﺗﻰ، ﺋﯚﭼﻜﻪ ﺳﯜﺗﻰ، ﻗﻮي ﺳﯜﺗﻰ، ﺟﻪرەن ﻣﯜﯕﮕﯜزى، ﺋﯘﭼﻘﯘر ﭘﺎﻗﺎ، ﻳﯩـلان ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ، ﺗﻮﺧﯘ ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ، ﺑﯩﺦ ﻣﺎرﺟﺎن، ﻗﯘﻟﯘﻟﻪ ﻗﯧﭙﻰ، ﺳﻪدەپ، ﻣﻪرۋاﻳﯩﺖ، ﻛﯩﺮﭘﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش.


3. ﻣﻪدەن ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪە ﻣﻪدەن ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻚ دورﯨـلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯜرى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، دورﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﺎن ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﭘﺮاق ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻣﺎددﯨـلار ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺖ رودﯨﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﻛﯜﻣﯜش، ﻗﻮﻏﯘﺷﯘن، ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﺶ، ﺳﻪﻧﮕﻰ ﺟﺎراﮬﻪت، ﮔﯩﻞ (ﺳﯧﻐﯩﺰ)، زەرﻧﯩﺦ، ﺳﻪﻧﮕﯩﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button