پسىخىك ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھازىرقى مېدىتسىنا ۋە پىسخولوگىيە ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى، پىسخىك ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىق ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىسخىك ساغلاملىق جىسمانىي ساغلاملىقققا، جىسمانىي ساغلاملىقمۇ پىسخىك ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالايلۇق، ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ بىر قەدەر جاھىل ۋە ئېغىر بولغان جىسمانىي كېسەللىكلەر بار بولسا، بۇ كېسەللىكلەر ئۇلاردا ئارامسىزلىنىش، جىددىيلىشىش، قورقۇش، پەرىشان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پاسسىپ پىسخىك كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ .
ئەگەر بۇ پاسسىپ كەيپىياتلار ۋاقتىدا تۈگىتىلمىسە، ئۇلار بارا-بارا بەزى پىسخىك نورمالسىزلىقلارنى، ھەتتا بەزى ئېغىر پىسخىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، بەزى ناچار پىسخىك پائالىيەتلەرمۇ ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
پىسخو -فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىكلەر تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلانىڭ تەخمىنەن %30 ى پىسخو-فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن .
ئادەتتە ، پىسخو-فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ :
1) جىسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .
2) كېسەللىكنى ئاساسلىق ناچار كەيپىياتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ .
3) جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى بىلەن مۇئەييەن كەيپىيات ھالىتىدىكى فىزوئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئوخشاپ كېتىدۇ .
4) كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ناچار كەيپىياتلارنى بىمارلار كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرى بىلمەيدۇ . شۇڭا ، ئۆز ۋاقتىدا كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدۇ .
5) ئېرسىيەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن پىسخو-فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
6) كېسەللىك كۆرۈلگەن ئەزالار ئاساسلىق مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى ئەزالار بولىدۇ .
پىسخو-فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى شۇكى، ناچار پىسخىك كەيپىيات نېرۋا سىستىېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق نورمال دائىرىدىن ھالقىغان فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسلار ئەگەر داۋاملىق مەۋجۇت بولىۋەرسە، پىسخو-فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
پىسخو-فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى پىسخىك ئامىللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، پىسىىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرەەندىلا ، ئاندىن جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.