روھىي كېسەللىك دېگەن نېمە؟
روھىي كېسەللىك دېگىنىمىز ھەرخىل بىئولوگيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىىمائىي مۇھىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، چوڭ مېڭە فونكىسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، بىلىش، ھىسسىيات، ئىرادە قاتارلىق روھىي پائالىيەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە توسقۇنلىققا ئۇچرايدىغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ.
روھىي كېسەللىك ئىلمى قەدىمكى تىبابەت ئىلمىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. روھىي كېسەللىكلەر تېببىي ئىلمنىڭ بىر تارماق پېنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى باشقا تېببىي پەنلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئارقىدا تۇرىدۇ.
ھازىرقى زامان روھىي كېسەللىك ئىلمى پەقەت 100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە.
پىسخولوگىيە دېگەن ئاتالغۇ گىرىكچىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، 18-ئەسىرگە كەلگەندە فرانسىيە تىببىي پەن ساھەسىدە چوڭ ئىنقىلاب يۈز بەردى. شۇ مەزگىلدە روھىي كېسەللىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ چوڭ بۆسۈش بولدى. پىنېل تۇنجى قېتىم 《ساراڭلار ساناتورىيەسى》گە باشلىق بولدى. ئۇ كېسەللەرنى ئارغامچا، زەنجىرلەردىن خالاس قىلىپ، داۋالاشنى يولغا قويدى ھەمدە《روھىي كېسەللىكلەر》قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روھىي كېسەللىك ئىلمى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، روھىي كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى توغرىسىدىكى يېڭى قاراشلار ۋە تۈرگە ئايرىش قاتارلىق يېڭى مەزمونلار بارلىققا كەلدى ۋە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ ماڭدى. داۋالاش سەۋىيىسىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ يۈزلەندى.