پىسخىكا بىلىملىرى

روھىي كېسەلنىڭ ھەممىسى «ساراڭمۇ»؟ روھىي كېسەلنىڭ تۈرلىرى قانچە خىل بولىدۇ؟

1948-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تېببىي ئىلىم يىغىنىدا تۇنجى قېتىم روھىي كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن روھىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى بارغانسېرى ئېنىقلىنىشقا، مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. 1985-يىلدىن بۇيان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى روھىي كېسەللىككە قارىتا يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
مەملىكىتىمىز 1988-يىلى روھىي كېسەللىكلەر تۈرىنىڭ سىناق لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، روھىي كېسەللىلەرنى تۈۋەندىكىدەك 14 تۈرگە ئايرىدى.
1) مېڭە ئەزا خاراكتىرلىك روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.
2) بەدەن كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.
3) روھىي ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار پەيدا قىلغان روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.
4) ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.
5) ھېسىيات خاراكتېرلىك روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.
6) جاھىللىق خاراكتېرىدىكى روھىي كېسەللىك.
7) ئىنكاس خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك.
8) نېرۋا فونكىسىيەسى بۇزۇلۇش كېسىلى.
9) پىسخىك ئامىللار پەيدا قىلغان فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسىيەسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان روھى كېسەللىك.
10) ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان روھى كېسەللىك.
11) جىنسىي جەھەتتە پىسخولوگىيەلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسىلى.
12) روھىي پائالىيەت تەرەققىياتى ئاستىلاش روھىي كېسىلى.
13) ئۆسمۈرلەردىكى روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسىلى.
14) باشقا تۈردىكى روھىي كېسەللىكلەر.
دېمەك‹‹ساراڭ››دەپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى›› روھىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئاتاش خاتا.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button