چوڭ مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ ئاجايىپ ئىش
ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى مىكرو ئالەمگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتمەس-تۈگىمەس سىرلار يوشۇرۇنغان بولىدىكەن. يېقىندا، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي مەۋجۇت، ئەمما دائىم سەل قارىلىۋاتقان ئون چوڭ ئاجايىپ ئىشنى ئېلان قىلدى.
ئىككى تال بانان چوڭ مېڭىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن
چوڭ مېڭىنىڭ بىر كۈن ئىچىدە سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر توڭلاتقۇنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىن ئاز بولىدىكەن، ئامما چوڭ مېڭىنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. چوڭ مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئاران %3 ىنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ئېنېرگىيە سەرپىيات مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ سەرپىياتىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.
ۋاقىت تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن
ئەگەر بىر ئادەم دائىم دېگۈدەك نۇرغۇن ۋاقىت رايونىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتسە، چوڭ مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ۋاقىت پەرقى جەريانىدا چىقىرىدىغان سېزىمچان ھورمون بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا خىزمەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئادەم بەدىنى ۋە چوڭ مېڭىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. دېمەك، ئالمىشىپ خىزمەت قىلغۇچىلاردىمۇ بۇنداق خەتەر مەۋجۇت بولىدىكەن.
چوڭ مېڭە شاۋقۇن-سۈرەندىن كەلگەن توكنى پەرق ئېتەلمەيدىكەن
ئەگەر ۋاراڭ – چۇرۇڭ بولۇۋاتقان ئۆيدە يان تېلېفون بىلەن سۆزلەشكەندە، شاۋقۇن يان تېلېفوندىكى ئېلېكتر دولقۇنلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەچكە، بىلمەكچى بولغان ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن چوڭ مېڭىنىڭ بېسىمى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا تېلېفوننى قول ئارقىلىق شاۋقۇندىن توسۇپ سۆزلەشكەندە، ئۈنۈم ياخشى بولىدىكەن.
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش
چوڭ مېڭە جىددىي پەيتلەردىكى ئىشلارنى داۋاملىق دەرھال بىرتەرەپ قىلالىسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئېلېكتىرونلۇق سوقۇش ئويۇنى ئويناش ئىكەن. بۇ ئويۇندا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغاچقا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىكەن.
چوڭ مېڭىنىڭ «چاقچاق مەركىزى» بولىدىكەن
سىز مەيلى قايسى خىلدىكى چاقچاقنى ئاڭلاڭ، چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي پوستلاق قەۋىتىدىكى بىر رايون مەلۇم دەرىجىدە جانلىنىدىكەن، بۇ چاقچاقنىڭ قىزىقارلىق بولۇش – بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ رايون دەل چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى ماڭلاي بۆلىكىدە بولىدىكەن. چوڭ مېڭە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق چاقچاقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، بۇ رايون قوبۇل قىلىنغان چاقچاقنىڭ قىزىق-قىزىقارلىق ئەمەسلىكىنى باھالاپ بېرىدىكەن.
چوڭ مېڭە تەرتىپكە نىسبەتەن ئالاھىدە تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن
چوڭ مېڭە تەرتىپلىك نەرسىلەرنى، مەسىلەن: ناخشا تېكىستى، مەلۇم بىر تاشيولنىڭ چىقىش ئېغىزى قاتارلىق مۇقىم تەرتىپكە ئىگە نەرسىلەرنى ئاسانلا ئەستە ساقلىيالايدىكەن.
چۈشكۈرۈشمۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن
ئادەم كۈن نۇرى ياكى چىراغ نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا بۇرۇن بوشلۇقى قىچىشىپ، چۈشكۈرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كونترول قىلىش مەركىزى چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يان تەرەپ مېڭە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون زەخىمگە ئۇچرىسا ئادەمنىڭ چۈشكۈرۈش ئىقتىدارى يوقىلىدىكەن. كۆز بىلەن بۇرۇن ئوخشاش بىر ئۈچلۈك نېرۋىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا، كۈچلۈك قۇياش نۇرى كۆزگە كىرگەندە، چۈشكۈرۈشنى كونتروللىغۇچى رايون بۇرۇننى غىدىقلاپ ئادەم چۈشكۈرىدىكەن.
ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى غىدىقلاپ كۈلدۈرەلمەيدۇ؟
باشقىلار غىدىقلىغاندا كۈلكىدىن توختىيالمايسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز غىدىقلىسىڭىز تەسىر قىلمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ئادەمنىڭ كىچىك مېڭىسىنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن. ئادەم ئۆزىنى ئۆزى غىدىقلىغاندا، ئادەمنىڭ كىچىك مېڭىسىدە بىر خىل سىگنال پەيدا بولۇپ، چوڭ مېڭىگە بۇنداق غىدىقلىنىشقا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى توغرىسىدا ئۇچۇر كېلىدىكەن. باشقىلار غىدىقلىغاندا بولسا بۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈلمەيدىكەن، نەتىجىدە، باشقىلار غىدىقلىغاندا چوڭ مېڭە بۇنىڭغا بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرغاچقا، ئادەمنىڭ غىدىقى كېلىپ كۈلىدىكەن.
ئەسنەش چوڭ مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدىكەن
كۆپ ئەھۋاللاردا ئەسنەش چارچىغانلىقتىن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئەسنىگەندە چوڭ مېڭە سەگەكلىشىدىكەن. ئەسنىگەندە يۇتقۇنچاق كېڭىيىپ كۆپلىگەن ھاۋا ئۆپكىگە كىرگەچكە، قان سۇيۇقلۇقىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئادەم سەگەكلىشىدىكەن.
ئېگىزلىك چوڭ مېڭىدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن
بەلگىلىك ئېگىزلىكتە كۆرۈش سەزگۈسى مەلۇم خىيالىي تۇيغۇنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بەزى تاغقا ياماشقۇچىلار دېڭىز يۈزىدىن 2000 نەچچە مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، ئۇلاردا تۇيۇقسىز قورقۇش پەيدا بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئېگىزلىكتە ئوكسېگىن كەمچىل بولغاچقا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدىغان مەركەز توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئادەمدە ھەرخىل خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدىكەن.