تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ 7 يامان ئادەتنى تاشلاڭ
بارمىقىنى چىشلەش، دائىم كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي يۇقتۇرۋالىمىز.بىراق بۇ خىل ئادەتلەر راستتىنلا ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. مۇتەخخەسسىسلەر بىر قاتار ئەپچىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يامان ئادەتلەرنى تاشلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
- تۈز ئولتۇرالماسلىق.
قەھۋەنى كۆپ ئىچىۋالغاندا ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ئېپىنفېرىن مىقدارى ئېشىپ كېتىپ تۈز ئولتۇرغاندا قۇساق سىقىلىپ كېتىدۇ.ئولتۇرغاندىمۇ دائىم پۇتنى لىڭشىتىپ ئولتۇردىغان بولۇپ قالىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن قەھۋە ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
- سېغىزنى قاسىلدىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ چايناش
بەزىدە ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالغاندا ياكى كەيپىياتى ناچار چاغلاردا سېغىز چايناش ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنى يۇقاتقىلى بولىدۇ.بىچاق سېغىز چاينىغاندا بۇلىشىغا قاس چىقىرىپ چاينىغاندا چاينىغۇچىنىڭ ئىچ پۇشىقى چىقىپ قالغاندەك قىلغىنى بىلەن بىراق يېنىدا تۇرغان ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ،شۇڭا بۇ خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك.بەك ئىچى سىقىلىپ كەتكەندە بىرەر تال كەمپۈت شورىسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
- دائىم كېچىكىش
دائىم كېچىكىش ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىنىڭ دېيىشكەن ۋاقىتقىچە بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ،قارشى تەرەپنى ساقلىتىپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ناۋادا كېچىكىپ قالغىدەك بولسا،چوقۇم قارشى تەرەپنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.
- بارمىقىنى چىشلەش
ياشلارنىڭ قۇلىنى چىشلىشىدىكى سەۋەبى ئاساسلىقى روھىي تەسەللىي تېپىش ياكى بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈندۇر،شۇڭا بۇ خىل بالىلارچە قىلىقنى تاشلاپ باشقا خىل نورمال ئۇسۇل ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
- مۈكچىيىپ قېلىش
ئادەم ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىشى تېزلىشىدۇ،شۇ سەۋەپلىك كۆپىنچە ياشلار مۈكچىيىپ ماڭىدۇ،يەنە بەزىلەر چارچاپ كەتكەنلىكتىن روھسىز كەيپىياتتا مۈكچىيىپ ماڭىدۇ،بىراق بۇ خىل ئەھۋالنى تۈزەتكىلى بولىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن چېنىقىش كېرەك،ئادەتتە ئولتۇرۇپ قوپقاندا،يول يۈرگەندە قەددىنى روسلاپ مېڭىشنى ئادەت قىلغاندا بۇ خىل ناچار ھالەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
- نەرسە كېرەكلەرنى قالايمىقان قويۇش
بەزى كىشىلەر نەرسە كېرەكلىرىنى قالايمىقان قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان،بۇنداق كىشىلەر كۆپ ۋاقتىنى كىيىم-كېچەك ۋە باشقا مۇھىم نەرسىلىرىنى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.شۇڭا نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى رەتلىك قويۇشقا ئادەتلىنىش ۋە قويغان نەرسىلىرىڭىزنى تېپىشڭىزنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن بىر تۈردىكى نەرسىلەرنى ئوخشاش بىر جايغا قويۇش ۋە مۇقىم بىر يەرگە قويۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
- توختىماي غۇدۇراش
بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا توختىماي غۇدۇراپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كۆرە قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك،شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.