پىسخىكا بىلىملىرى

ئۇخلاش تۇرقىڭىزدىن مىجەز-خاراكتېرىڭىزگە نەزەر

ئۇخلاش ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش. ئەمما، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇخلاش ھالىتىدىن مىجەز-خاراكتېرىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇخلاش تۇرقىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟…

  1. دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغانلار
    ئەگەر سىز پۈتۈن ئاخشام دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز كۆڭلى-كۆكسىڭىز تار، ئۆزىڭىزنىلا ئويلايدىغان، شەخسىيەتچى ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز ئەزەلدىن باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، باشقىلارنىمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزدەك ئويلايدۇ دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ ئوي-خىيالىغا زىنھار پەرۋا قىلمايدىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
  2. يېنىچە، بىلەككە باش قويۇپ ئۇخلايدىغانلار
    يېنىچە يېتىپ، بېشىڭىزنى بىلىكىڭىزگە قويۇپ ئۇخلايدىغان كىشى بولسىڭىز، سىز بەلكىم ئەدەب-قائىدىلىك، سەمىمىي، يېقىشلىق ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، نەدىمۇ مۇكەممەل ئىش بولسۇن دەيسىز؟ سىز ئىشنى ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتىن باشلىشىڭىز، خاتالىق ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئاندىن بەخت ئارقىدىنلا قېشىڭىزغا يېتىپ كەلگۈسى.
  3. بىر يېنىنى بېسىپ، يېنىچە ئۇخلايدىغانلار
    بۇ خىل ئۇخلايدىغان كىشىلەر ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، نېمىلا ئىش قىلاي چوقۇم ئۇتۇق قازىنىمەن، دەپ قارايدۇ. بۇلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىگە يارىشا توختىماي تىرىشسىلا، چوقۇم نوپۇز ۋە دۇنيا ئىگىسى بولۇپ چىقالايدۇ.
  4. يېنىچە تۈگۈلۈپ ئۇخلايدىغانلار
    بۇ خىل ئۇخلايدىغانلارنىڭ تۇرقىدىنلا خەۋپسىرەش پسىخىكىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ئۇخلايدىغان بولسىڭىز سىزدە بەلكىم شەخسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچ ئېلىش روھى ھالىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە ئوڭاي ئاچچىقلىنىدىغان بولۇشىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزدىن داۋاملىق ئاۋايلايدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇشى مۇمكىن.

  1. يېنىچە يېتىپ، بىر تىزىنى ئېگىپ ئۇخلايدىغانلار
    سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ئىشلارغا ئوڭاي ھەيران قالىدىغان، تەستە خۇش بولىدىغان بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە غۇتۇلداپ يۈرۈش، كىملەردىندۇر، نېمىلەردىندۇر ئاغرىنىپ يۈرۈش سىزنىڭ دائىملىق ئىشىڭىز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ جىددىيلىشىپ، زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇۋېتىشىڭىز ئېنىق. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇشنى ئۆگىنىڭ، تۇرمۇشتا بەك يوغان ئىشلار يوق.
  2. تۈز يېتىپ، ئىككى پۇتىنى كېرىپ ئۇخلايدىغانلار
    نېمە دېگەن ئازادە، ئەركىن روھ ھە! بۇ خىل ھالەت سىزنىڭ سەمىمىي خاراكتېرىڭىزنى نامايەن قىلىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنىدىغان، باشقىلار سىزنى ھۆرمەت قىلىدىغان، چوڭ كۆرىدىغان كىشى بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، سىز بەتخەج (تەلىيڭىزگە يارىشا بۇزۇپ چاچقۇدەك پۇل تاپالايسىز) بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. يەنە بىر يتەرسىزلىكىڭىز ئارتۇقچە ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىۋالىدىغان، غەيۋەت قىلىدىغان مىجەزىڭىزدۇر.
  3. تۈز يېتىپ، بېشىنى ئىككى قولىغا قويۇپ ئۇخلايدىغانلار
    سىز ناھايىتى بىلىملىك ۋە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىڭىز يۇقىرى بىر ئادەم بولۇشىڭىز، شۇنداقلا كاللىڭىز تۈگىمەس فانتازىيىلىك خياللار بىلەن تولغان بولۇشى مۇمكىن. باشقىلار سىزنىڭ ئوي-خيالىڭىزنى ئوڭاي چۈشىنەلمەسلىكى، ئارقىڭىزدىن سىزگە ئىشىنىپ ماڭالماسلىقى مۇمكىن. سىز ئائلىڭىزدىكىلەرگە بەك ياخشى قارىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشىڭىز تەسكە توختىشى ئېنىق، چۈنكى سىزنى چۈشىنىش ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەس. سىزنىڭچە مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟
  4. بېشىنى يوتقانغا تىقىپ ئۇخلايدىغانلار
    سىز ئاممىۋىي سورۇنلاردا قورۇنمايدىغان، ناھايىتى چوڭ سۈپەت خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى نامايەن قىلىشقا تىرىشسىڭىزمۇ، ئەمما، ئىچكى دۇنيارىڭىزدا ئاجىزلىق ۋە خېجىللىق پسىخىكىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قىيىنچىلىققا يۇلۇقسىڭىز سىز ئۆزىڭىز جاپا تارتىشقا، قىينىلىشقا رازىسىزكى، ئەمما باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا رايىڭىز بارمايدۇ. شۇڭا، يوتقانغا پۈركۈنۈپ ئۇخلاپ غەلىتە چۈشلەرنى تولا كۆرۈسىز.
  5. ئىككى تىزىنى قۇچاقلاپ ئۇخلايدىغانلار
    ئىلگىرىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ تەسىرىدە، شۇ تاپتا ناھايىتى يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتقان، روھى جەھەتتە چۈشكۈنلىشىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا يۇلقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سۆيگۈ-مۇھەببەت ھاياتنىڭ مۇھىم قىسىمى، ئەمما ھەممە قىسىمى ئەمەس.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button