پىسخىكا بىلىملىرى

تەشۋىشلىنىش روھىي بۆلۈنۈشنىڭ بىشارىتىمۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش داۋامىدا ئادەم تەشۋىشلىنىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئەتراپىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن مەلۇم دەرىجىدە تەشۋىشلىنىش نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق تەشۋىشلىنىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا تەشۋىشلىنىش ھېچقانداق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىسىمۇ، ئەمما چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تەشۋىشلىنىۋەرسە، ئۇنداقتا پىسخىك ساغلاملىق بۇزۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاشماي بولمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق «خەلق» دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق پىسخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنىرە ھۈسەيىن مۇخبىرىمىز ئاينۇر مۇھەممەدنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىلمۇ-خىل پىسخىك بىنورماللىق ۋە پىسخىك كېسەللىكلەر كۆپەيدى. دوختۇرخانىمىزنىڭ كىلىنىكىلىق پىسخىكا بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىدە كۈندە كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىق 100 دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەسەبىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار %80-%90 نى ئىگىلەيدۇ.

تەشۋىشلىنىش-بىر خىل داۋاملىشىش خاراكتېرلىك روھىي جىددىيلىك ياكى قوزغىلىشچان چۆچۈش ھالىتىدە ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك، بۇنداق ئاغرىقلاردا ھەمىشە باش قېيىش، ئىچى سىقىلىش، يۈرەك سېلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ئېغىز قۇرۇش، كۆپ سىيىش، تەرلەش ۋە تۇرۇپلا ئارامسىزلىنىش؛ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم تۇيغۇسىدا بولۇش، ھودۇقۇش، نېرۋىسى چېچىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەمدە تەشۋىشلىنىش كۈچىيىپ كەتسە، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تەشۋىشلىنىدىغان، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان، ھېچقانداق ئىشنى خاتىرجەم قىلالمايدىغان، ھەتتا تاماقنىمۇ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاسان جىددىيلىشىپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، يۈرەك سېلىپ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

تەشۋىشلىنىش كېسىلى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرالماسلىق، سىرتتا يۈز بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق ياكى ئەسەبىيلىكلەر سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ؛ بۇ خىل كېسەللىك ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئاسان جىددىيلىشىدىغان، قىيىنچىلىقنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەيدىغان، ئالاقزەدە بولىدىغان، چۆچۈيدىغان كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك  يەنە سوزۇلما تەشۋىشلىنىش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش، دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.سوزۇلما تەشۋىشلىنىش كېسىلى ھېچقانداق تەھدىت ياكى خەتەر بولمىسىمۇ ئەنسىرەش، ئارامسىزلىنىش ۋە ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق ئالامەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسىلى ئاغرىقلىرىدا «يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك» تۇيغۇدا بولۇش، يۈرىكى سېلىش، ئالاقزەدە بولۇش، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

دائىم ھەم ئۇزاق تەشۋىشلىنىش كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا تەشۋىشلىنىش كۈچەيگەندە ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش زۆرۈر. تەشۋىشلىنىش خۇددى ئۇخلىيالماسلىققا ئوخشايدىغان روھىي كېسەللىكلەرنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان، قالايمىقان سۆزلەيدىغان، «باشقىلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ» دەپ قارايدىغان روھىي پارچىلىنىش كېسىلىگە ئوخشىمايدۇ. تەشۋىشلىنىشنى يوقىتىشتا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، ئارام ئېلىش، جىمجىت خىيال سۈرۈش، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە چېنىقىش بىلەن بىللە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان، تەشۋىشنى يوقىتىدىغان دورىلارنى يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button