ساغلاملىق بىلىملىرى
كاپسۇللۇق دورىلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- قۇرۇق يۈتمەسلىك كېرەك. كاپسۇل ئىچىگە قاچىلانغان دورىلار ئادەتتە ئاشقازان ئۈچەي يولىنى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاسان پارلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىز بوشلىقىدىكى شۆلگەي ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىپ كېتىدۇ ياكى كېكىردەك ئىچكى دىۋارىغا دورا كۇكۇنلىرى بىلەن دورا دانچىلىرى ئاسان يىپىشىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە دورىلار بىردەك كاپسۇل ئىچىگە قاچىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەزىم قىلىش يولى بىلەن نەپەسلىنىش يولىنى قوغداپ قالغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى دورا تەركىبلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كاپسۇللۇق دورىلارنى قۇرۇق يۈتكەندە، دورىنىڭ كېكىردەك يولىغا چاپلىشىۋېلىش تۈپەيلىدىن ئادەم ئاسان قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتىدۇ، ناۋادا دورا قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تۇرۇپ قالسا، يەنە شىللىق پەردىلەرگە زىيان سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ ئىچكەندە، ئاۋۋال 50 گرام سۇ ئىچىپ ئېغىز بوشلۇقى بىلەن قىزىلئۆڭگەچ يولىنى نەمدىۋالغاندا،كاپسۇللۇق دورىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئاندىن 200 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ بىلەن دورىنى بىللە ئىچىۋەتسە بولىدۇ.
- كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ قېپىنى سويىۋېتىپ ئىچمەسلىك كېرەك. بەزى دورىلار ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە ئاسان پارچىلىنىپ كېتىدۇ، كاپسۇل قېپىنى سويىۋېتىپ دورا ئىچكەندە دورىنىڭ تەسىر قىلىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان ئۈچەي يولىغا نىسبەتەن غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولغان دورىلارنىڭ كاپسۇل قېپىنى سويىۋىتىپ ئىچكەندە، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاستا پارچىلىنىدىغان، ئۈچەي يولىدا ئېرىيدىغان كاپسۇللۇق دورىلارنىڭمۇ كاپسۇل قېپىنى سويىۋىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا دورىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
- قىزىق چاي بىلەن دورا ئىچىشكە بولمايدۇ. كاپسۇللۇق دورىلارنى قىزىق چاي بىلەن ئىچكەندە كاپسۇللۇق دورىلار ئاسان يۇمشاپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچ يولىغا چاپلىشىۋالىدىغان بولغاچقا، دورىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپسۇللۇق دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇ بىلەن بىللە ئىچىش كېرەك.