ساغلاملىق بىلىملىرى

پېتەك سېلىنغان ئاياغنى كىيسە ، پۇتقا پايدىلىق

پېتەك پۇتنىڭ قۇرغاق ، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرىدىغان ياكى يول ماڭىدىغانلارنىڭ پۇتىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى پەسەيتىپ ، تۈرلۈك پۇت ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .

ئامېرىكا چىكاگو پۇت كېسەللىكلىرى دوختۇرى رېسا سىكون مۇنداق دېدى : ‹‹ كىشلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە ئاسانلا ئوشۇق ۋە پۇت ئالقىنى ئالقىنى ئاغرىيدۇ . بۇنداق چاغدا ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەندە ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپانغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىپ ، پۇتنى راھەت قىلىدۇ . تۈز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپاننىڭ تىرەش سالمىقى ، بولۇپمۇ تاپاننىڭ سېگمېنىت ئورنى يۇقىرى بولماسلىقتىن ، ئاسانلا لىپەك يارىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەۈ تۈزۈك . بولۇپمۇ بەش سانتىمېتىردىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئەڭ ياخشىسى پېتەك سېلىپ كىيىش كېرەك .

پۇتى ساغلام كىشلەر ئاياغقا پېتەك سېلىۋالسا ، ئاياغ راھەت بىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە يەر يۈزى بىلەن پۇتنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىدۇ . بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ، ياشانغان كىشلەر ئايىغىغا پېتەك سېلىۋالسا ، بوغۇم ياللۇغى ، پەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button