جىنسىيەت بىلىملىرى كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت
يېقىندا، مەلۇم دوختۇرخانىدىكى «جىنسىي ئىقتىدار بويىچە بىرلەشمە مەسلىھەت بېرىپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى» نىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامبۇلاتورىيىگە كۆرۈنگەن 2000 جۈپ ئەر-خوتۇن ئىچىدە توي قىلغىنىغا كۆپ يىل بولغان 50 نەچچە جۈپ ئەر-خوتۇن ھېلىقى ئىشنى قانداق قىلغاندا توغرا بولىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىكەن؛ بەزىلەر ئۆزىنىڭ «تۇغماس» چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى كەلگەندە، نەتىجىدە مەسلىھەت ئېلىش ئارقىلىق « مېھماننىڭ ئوردىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشى» ئۇياقتا تۇرسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەتتا قىياپەتنىمۇ رۇسلىيالمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. جىنسىيەت بىلىمى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئىكەن. ناۋادا ئاشۇ كىشىلەرگە تايىنىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، ئېھتىمال جۇڭخۇا مىللىتى «نەسلى قۇرۇش» خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن مۇنداق يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ: جۇڭگولۇقلاردا جىنسىيەت تەربىيىسى كەمچىل. نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلغان جىنسىيەت تەربىيىسىدە، يەنىلا چوڭلارنىڭ بەزى جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇھىم نۇقتا ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر جىنسىيەت ئۇچۇرلىرى پارتلاش ھالىتىدە تۇرغان دەۋردە، ئەر-ئاياللارنىڭ ھۇجرىغا كەلگەن كېچىسى ئاندىن ئەر-ئايالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بېلىشكە باشلايدىغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمەيدۇ.
بۇنىڭدىكى مەسىلە شۇ يەردىكى، ئۇلار ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىقىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىمۇ جىنسىيەت بىلىملىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالەتتە يۈرگەن، ھەتتا «جىنسىيەت» نى «گۇناھ»، «ناپاك» دەپ قارىغان. ئويلاپ باقايلى، مۇبادا بىر مىللەت بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا «جىنسىي ئەزالار مەينەت»، «ئەر-ئاياللارنىڭ بەدىنى ئېچىلىپ قالسا نومۇس بولىدۇ» دېگەن قاراشنى سىڭدۈرسە، بۇ مىللەتتە مەدەنىيەت ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە كېسەلمەنلىكنىڭ تۈپ سەۋەبى بولامدۇ؟ شۇڭلاشقا، بىزنىڭ جىنسىيەت تەربىيىمىز بەدەنگە بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن.
چەت ئەللەرنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇرۇش تىللاش، ھاقارەتلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ «جىنسىيەت» كە بولغان ساغلام قىزىقىش پوزىتسىيىسىنى توسۇشىمىز ئۇلارنىڭ قەلبىدە ناپاك داغلارنى قالدۇرىدىكەن، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، جىنسىيەتتە ئىقتىدارسىزلارنىڭ نامزاتلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، يۇقىرىقى دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيىگە كۆرۈنگەن بىمارلاردىن ئېرىشكەن ستاتىستىكىلىق سانلىرىغا قارىغاندا، 10 پىرسەنتكىچە ئەر بىمار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي مەسىلىسى بارلىقىنى ئېيتقان، بۇ خىل ئاياللارمۇ 1.6 پىرسەنتتىن كۆپرەك چىققان. ئەگەر جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىيەت نۇقتىئىنەزەردىكى قاتمال ھالەتكە ئاساسلانغاندا، ئېھتىمال بۇ سان ئىنتايىن تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. جىنىسىي كۆز قاراش بىر قەدەر كەڭ قويۇۋېتىلگەن ئامېرىكا جەمئىيىتىدىمۇ توي قىلغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىلگىرى جىنسىي ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، روھىي كېسەللىكلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ئىلگىرى جىنسىي مەسىلىلەردە زەربىگە ئۇچرىغانىكەن.
فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى جىنسىي مەسىلىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئەلۋەتتە جىنسىي مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتمەسلىك، زەكەر كىرمەسلىك، قايىم بولماسلىق ياكى مۇۋاپىق ئورنىنى تاپالماسلىقتەك ھادىسىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى كۆپ ساندىكى جىنسىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى روھىي جەھەتتىكى ئامىللارغا باغلانغان بولىدۇ، ئەگەر چوڭقۇر ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە بېرىلگەن تەربىيە تۈپەيلىدىن، ئۇلاردا خاتا ۋە كېسەلمەن جىنسىيەت پوزىتسىيىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇ ھەقتە توختالغاندا، ناھايىتى نۇرغۇن ئادەم «جىنسىيەت_مەينەتچىلىك» دېگەن دوگما قاراشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، «شەھۋانىيلىق» ياكى «جىنسىي قالايمىقانچىلىق» بىلەن «ساغلام جىنسىي پائالىيەت» نى دوگما ئەخلاقىي قاراشتىكى نۇرغۇن پېشقەدەملەر پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.
ماستېر بىلەن جونسۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرلىشىپ، مەلۇم بىر تەرەپتە كۆرۈنگەن جىنسىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئادەملەر جىنسىي جەھەتتە مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشنى خالايدۇ، دورا يېسە، جىنسىيەتكە دائىر كىتابلارنى، سىنئالغۇ، VCD فىلىملىرىنى كۆرسە، مەسىلە ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار دوختۇرغا كۆرۈنگەن ھالەتتىمۇ، ئۆزى يالغۇز بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز-ئارا (توي قىلىشقا) ۋەدىلەشكەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ھەرقانداق بىر تەرەپتىن جىنسىي مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇ ھامان ئىككى تەرەپنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ؛ ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىق جىنسىي تۇرمۇش سىرتىدىكى مۇھىتقىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى، ھەتتا پەرزەنتلەرمۇ بۇ بوران-چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئائىلە پارچىلىنىش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشتەك پاجىئە يۈز بېرىشى مۇمكىن. يېڭى-كونا ئۆچ ئاداۋەتنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى بىلەن، بىز ئىشنىڭ ماھىيىتىنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۆزىتىشكە ئامالسىز قالىمىز. مانا بۇ بىزنى ئەڭ چۆچۈتىدىغان ئەھۋال.
ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدا توختالغان شۇنچە كۆپ جىنسىيەتكە دائىر مەسىلىلەردە، بەزىدە ئۇنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ مۇبادا بۇ جەھەتتە غەم-ئەندىشىگە پاتقان ئادەم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىشقا ئامالسىز قالسا، ئۇ ھالدا جىنسىي تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن، ئۆزىمۇ مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىدىكى ستاتىستىكا قىلىنىدىغان سانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.