روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنىسي ئاجىزلىق
ھەر خىل روھىي ۋە پسىخىك ئامىللار باھ ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. بۇخىل ئامىللارنى ئادەتتە ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. روھىي ھالەتتىكى قاتتىق قورقۇش، غەم-قايغۇ، تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ھارغىنلىق قاتارلىق روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقى چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قوزغىلىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىچكى ئەزالار ئاجرىتىلغان سۇيۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. دېمەك، روھىي سەۋەب جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
سەۋەبى:
ئاساسلىقى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە جىنىسي مۇناسىۋەتنى پەقەت قىلماسلىق ياكى قىلسىمۇ ئۇزۇن مۇددەت تاشلىنىپ قېلىش ياكى تۇنجى قېتىملىق جىنىسي مۇناسىۋەتتە مەقسەتكە يېتەلمەي جىنسىي مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتكە غەم-ئەندىشە، ناچار مەنىۋى پائالىيەتلەردىكى ھەر خىل روھىي ئامىللار ۋە پسىخىك مەسىلىلەر ئۇزارغانسېرى جىنىسي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تەشۋىشلىنىش، غەزەپ-نەپرەت، ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇش، مەيۈسلىنىش، پۇشايمان قىلىش، ھەسرەت-نادامەت چېكىش، مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك قاتارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلار ئىنسانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى قوزغىلىتىشى بىر قەدەر شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكسلار ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. جىنسىي تەلەپ ۋە زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى چوڭ مېڭە جىنىسي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال ئىنكاس قايتۇرۇشىغا باغلىق. ھەر خىل نورمالسىز روھىي ئامىللار ۋە پسىخىك مەسىلىلەر چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ نورمال ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، چوڭ مېڭە جىنسىي پائالىيەت مەركىزىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنىسي تەلەپ ئاجىزلايدۇ ھەم ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال سۇيۇقلۇق ئىشلەش فۇنكىسىيىسىگە تەسىر يېتىپ، شۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ بەدەندىكى تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئورگانىزمدىكى قاننىڭ ئايلىنىش داۋامىدا ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمېسىدىكى جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، جىنىسي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار «جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ زەكىرى بىر سوتكا ئىچىدە بىر قېتىم قايىم بولسىلا، ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى روھىي ئامىلدىن تېپىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. سەۋەبىنى روھىي ئامىلدىن ئىزلىسەك، داۋالاشنىڭ توغرا يولىنى تاپالايمىز.
ئالامىتى:
قورقۇش، تەشۋىشلىنىش، ھەسرەت چېكىش، روھىي چۈشكۈنلۈك بولىدۇ. بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ساق-سالامەت بولۇپ، جىنسىي تۇيغۇسى ئاجىز، ھەرىكىتى بوشاڭ بولىدۇ. جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى تۇراقسىز بولىدۇ. خىيالىي ھالدا قوزغىلىپ قالىدۇ. بىمار ئۆزىدىكى قورقۇش ھېسسىياتنىڭ سەۋەبى بىلەن بەزى كۈنلىرى يەنە بىر ئەزاسىنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. بەزىدە: «مېنىڭ جىنسىي قۇۋۋىتىمنى ياكى جىنىسي ئەزايىمنى قايسى بىر ئايال ياكى ئەر جۇدا (سېھرى-بەنت) قىلىپتۇ» دەيدۇ.
داۋالاش:
كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، شۇ سەۋەبىنى يوقىتىش ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئەگەر روھىي كەيپىياتلارنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، مەسىلەن: پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان ياكى جىنسىي ئالاقە مەغلۇپ بولۇپ، بىزار بولۇش، قورقۇش ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن بولسا، بىمارغا ئىدىيىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ چۈشەندۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىمارغا باشقا ھايۋانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈشلىرىنى ياكى سىنئالغۇلارنىڭ كۆرسىتىش ۋە بىمارنىڭ جۆرىسىگە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ساقىيىش باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، جۆرىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ھالىغا يېتىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەسەللى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېسەلنىڭ ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان بولسا، شۇ خىل سەۋەبنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى تۈگىتىش، مۇمكىن بولمىسا، پاراكەندە قىلىدىغان، كەيپىياتنى بۇزىدىغان ئوي-خىياللارنى ئۇنتۇپ كېتىش، غەم-قايغۇ، ھەسرەت-نادامەت، ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەردىن قاتتىق ساقلىنىش، خۇشال-خورام، خۇشچاقچاق، كۆڭۈل ئازادىلىك ئىچىدىكى بەختلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئويۇن-تاماشا، ھەر خىل كۈلدۈرگە، سەيلى-ساياھەت، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش لازىم.
ئۇنداقتا، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ مىزاجىغا مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.
3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن، تۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال تەرەپ ئەر تەرەپكە ماسلىشىپ بېرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئارتۇقچە غەم-ئەندىشە قىلىشتىن خالىي بولۇش، ئاياللار كىيىم-كېچەك تازىلىقى ۋە جىنسىي ئورۇنلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەڭ ياخشىسى خالىيراق ئورۇندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت مۇھىتى ياخشى بولۇش لازىم.