جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ياخشىمۇ ياكى ئېپىنى بىلىشمۇ؟
جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرى:
جىنسىي تۇرمۇش قىلغاندا، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزالىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە قان تۇلىدىغان، ھەمدە جىنسىي ھاياجانلىنىش ۋاقتىدىن يۇقىرى پەللە ۋاقتىغىچە بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل فېزىئولوگىيىلىك جەريانغا قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ۋاقىتنى بەك ئۇزۇنغا سۈرگەندە، ئىككىلا تەرەپ بىزارلىق ۋە چارچاش ھېس قىلىپ، ئايال تەرەپنىڭ ئىچكى ئاجراتما ماددىلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ، ماتكىنىڭ سىلىق ھالەتتىن قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خۇشاللىق كەيپىياتى بىئارامسىزلىققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ.
جىنسىي ئەزا ۋە داس بوشلۇقى ئورنىدا ئۇزۇن مەزگىل قان تولغاندا، ئەكسىچە قىسمەن ئورۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىككىلا تەرەپتە ئىشتىن كىيىن بەل ئاغرىش، تۆەنكى قورساق قىسمى بىرى تۆۋەنگە تارتقاندەك ئېسىلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئاياللاردا ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاسانلا سۈيدۈك سېستىمىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بۇلۇش، ئەرلەردە مەزى بېزى ياللۇغى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
- جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرى تەييارلىقنى تۇلۇق قىلىش:ئەرلەر ئاياللارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ ئاكتىپ بۇلۇشى، مەسىلەن، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىش، قۇچاقلاش… قاتارلىق سۆز-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تۇلۇق قېتىشى، ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تۇلۇق نەم سىلىق ھالەتكە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
2. جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش:جىنسىي تۇرمۇش ئىناقلىقى ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي ھەۋەس قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بىردەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەر-ئاياللارنىڭ فېزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلغاندا، بەزى كىشىلەر ئەرلەرنى لامپۇچكىغا ئوخشىتىپ، جىنسىي ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئاسان ھاياجانلىنىدىغانلىقىنى، جىنسىي تۇرمۇشتىن كىيىن جىنسىي ئىستىكىنىڭ تېز ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئاياللارنى توك دەزمىلىغا ئوخشىتىپ،جىنسىي ھاياجانلىنىشى ۋە يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنىڭ ئاستىراق، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بۇلىدىغانلىقى، جىنسىي ئىستىكىنىڭ ئاستىراق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا تۇلۇق ماسلىشىشىنى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتكە كىرىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا، جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرىكى يېقىنچىلىق ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇش بىردەكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.
3. جىنسىي تۇرمۇشتىن كىيىن كۆپرەك مۇلايىم بۇلۇش ۋە كۆيۈنۈش: چۈنكى ئاياللارنىڭ جىنسىي فېزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، جىنسىي يۇقىرى پەللىدىن كىيىنكى جىنسىي ئىستىكىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاستىراق بولغاچقا، ئەرلەر ھەرگىزمۇ دەرھاللا ياستۇقنى پۈركەپ شېرىن ئۇيقۇغا كەتمەسلىكى، بەلكى ئايالىغا كۆپرەك يىقىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىشى، شېرىن-شېكەر مۇھەببەت سۆزلىرىنى دىيىشى… كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاياللار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى جىنسىي قانائەتكە ئېرىشپ، بىر قېتىملىق ئىناق جىنسىي تۇرمۇش تاماملىنىدۇ.