جىنسىيەت بىلىملىرى

ئەردىكى نامۇۋاپىق ئامىللار

كۆپلىگەن كىشىلەر جىنسىي ئالاقىدە ئايال تەرەپتە ئاغرىق پەيدا بولۇشى جەزمەن شۇ ئايالدا پسىخىك جەھەتتىن ياكى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن مەسىلە چىققانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئەمما، دوختۇر بېرىچ: ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دەيدۇ. نۇرغۇن جىنسىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى بەزىدە ئەردىكى نامۇۋاپىق ئامىلغا سەل قاراپ، ئايال تەرەپنىڭ تەن سالامەتلىكىدە مەسىلە چىققانلىقتىن ماسلىشالمايۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلىغاچقا، ئۇزاققىچە داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ.
دوختۇر بېرىچ مۇنداق دەيدۇ: ئەردىكى نامۇۋاپىق ئامىل دېگىنىمىز، بىر خىل ئەھۋالدا ئەرنىڭ زەكىرىنىڭ بەك ئۇزۇن ياكى زىيادە يوغان بولۇپ، ئايال تەرەپ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ زەكىرى بەك ئۇزۇن بولسا، ئايال تەرەپ ئىككى پۇتىنى جۈپلىۋالسا، ئىككى دىيۇملىق بوشلۇقنى كېڭەيتىش ئارقىلىق زەكەرنىڭ كىرىشىگە ماسلىشالايدۇ.
خۇددى بىز ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن «دۇنيادا ھەرگىزمۇ جىنسىي مۇئامىلىسى سوغۇق ئايال يوق، بەلكى كالۋا ئەرلا بار» دېگەندەك، يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، ئەرنىڭ زەكەرنى كىزگۈزۈش ئۇسۇلى خاتا، سەۋەب زەكەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىكى دىلچىقنىڭ ئورنىنى تامامەن توغرا بىلىپ كېتىشى ناتايىن. بەزىدە ئەرلەرنىڭ ھەرىكىتى بەكمۇ قوپال بولغانلىقتىن، ئايال تەرەپ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يەتسىمۇ، ئەر زەكىرىنى جىنسىي يولغا داۋاملىق چوڭقۇرلاپ كىرگۈزۈۋېرىدۇ، شۇڭا بەزىدە ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي ھاياجانلىنىشى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، جىنسىي يولىمۇ قۇرغاقلىشىشقا باشلايدۇ. بۇلار ھەممىسى ئايال تەرەپتە ئاغرىق ۋە بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇن مىساللاردا، ئايال تەرەپ جىنسىي ھاياجانلىنىش باسقۇچىغا تېخى يەتمىگەن ياكى زەكەر كىرگەن چاغدا جىنسىي ھاياجانلىنىش ھالىتىگە تېخى تولۇق يەتمىگەنلىكتىن، جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئاغرىق پەيدا بولغان. ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي ھاياجانلىنىش باسقۇچىغا يېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، ئەمما نەتىجىسى ئوخشاش: ئۇلاردىكى ئاجرىتىپ چىقىرىلغان سىلىقلاتقۇچى سۇيۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشى ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوختۇر گرانشاۋ مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر جىنسىي ئالاقىنىڭ مۇقەددىمىسىدە قارشى تەرەپنى سەۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ياخشى كۈتۈپ، تاكى ئايال تەرەپ جىنسىي ھاياجانلىنىش باسقۇچىغا يېتىپ، يېتەرلىك دەرىجىدە سىلىقلاتقۇچى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقارغاندا، ئاندىن زەكىرىنى كىرگۈزۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاغرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەگەر جىنسىي ئالاقە قىلغان چاغدىكى قىياپەتنى ئايال تەرەپ بىرقەدەر ئاسان كونترول قىلالايدىغان ھالەتكە تەڭشىگەندە، مىسال ئۈچۈن ئالساق، ئايال تەرەپ ئۈستىدە ياكى ھەر ئىككى تەرەپ يانچە ياتقان قىياپەتتە بولسا، بۇنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. دوختۇر گرانشاۋنىڭ تەكلىپى، ئايال تەرەپ زەكەرنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىشىگە تەييارلانغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى، كونترول قىلغۇچى ئورۇندا تۇرغىنى تۈزۈك، شۇنداق قىلغاندا، ئايال زەكەرنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىش چوڭقۇرلۇقىنى تىزگىنلەپ تۇرالايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button