جىنسىيەت بىلىملىرى

جىنسىي تەربىيە قاچاندىن باشلانسا مۇۋاپىق؟

ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتلەر ئارا ئۆتۈشىشنىڭ تېز بولۇشى، ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، مەدەنىيەت چىقىرىندىلىرىنىڭمۇ تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرلۈك-تۈمەن يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ جىددىي ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان رېئال مەسىلىلەردىن بىرى دەل ياشلار ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ياشلىرىمىزدىكى نىكاھسىز جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ مېڭىشى، ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىن كېسەللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش، ئۆز ھاياتىغا قەست قىلىش گىردابىغىچە بېرىپ يېتىشكەنلىرىنى كۆرىمىز. كاللىمىزنى سەللا سىلكىۋېتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئوي سۈرىدىغان بولساق، بۇ ئىشلارنىڭ مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مەۋجۇدلىقىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى ياشلار مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جېنى، ئۇلارنىڭ جىسمى ۋە روھى كېسەللىنىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش تۇرماق، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن سۆز ئاچماقمۇ مۇشكۇل بولۇپ قالىدۇ. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ رېئال مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچالمايمىز. بەلكى بىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-ئاماللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمىكىمىز لازىمدۇر.

نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل ئۇشبۇ نىيەتتە يېزىلىپ، بارچە تورداشلىرىمىزنى ئۇشبۇ مۇھاكىمىمىزگە ئاۋاز قېتىپ، ئۆز پىكرىنى بېرىشلىرىنى چاقىرىق ئەتمەكتىمىز.
ساغلام جىنسىي ھايات، ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەر ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ھەر بىر خەلق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ياشلىرىنى ئەتە ئۈچۈن تەييار قىلىشىدۇ. خۇسۇسەن، ياشلارغا بېرىلىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ئەللەر ئارا پەرقلەر مەۋجۇد. ئەمما، شۇ مەسىلە ئورتاقكى، جىنسىي تەربىيىنى ياشلارغا زادى قاچاندىن باشلاش خوپ؟ دېگەن مەسىلە ھازىرغىچە كەسكىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان، تېخىچە ئېنىق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان مەسىلىدۇر.
بىر بۆلۈك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، ياشلارغا جىنسىي تەربىيىنى بالىلىقىدىن باشلاش ۋە مەكتەپلەردە بۇ ھەقتە دەرسلەر تەسسس قىلىنىشى كېرەك دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، جىنسىي تەربىيە بېرىش ھاياسىزلىق، جەمئىيەتتىكى پەدىشەپنى يىرتىپ تاشلىغانلىق، بالىلار بالاغەتكە يەتكەنچە بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئۆزلىرى چۈشىنىپ قالىدۇ، دېگەن قاراشنى ئالغا سۈرۈشىدۇ.
ياشلار ئارىسىدا ھەم جىنسىيەت ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.
– جىنسىي ھايات بۇ شەخسىي مەسىلە.
– جىنسىي ھايات بۇ تەبىئىي نەرسە.
– جىنسىي تەربىيە ۋە ئۆزىنى تونۇش، ساغلام جىنسىي تۇرمۇش، ھامىلىدارلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەلىملەر بېرىلىشى كېرەك.
– چوڭلا كۆپىنچە بۇ ھەقتىكى گەپلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
– ھەممە ئۆز چۈشەنچىلىرىگە تالىق تۈرلۈك پىكىرلەرنى قىلىشىدۇ.
مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپلەرگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلىرىمىزنىڭ پىكىرلەرى.

مېنىڭچە، ياشلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنسېرى يات جىنىسلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىشى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جىنسىيەت ھەققىدە خىيال سۈرۈشى، جىنسىي ئاكتىپ بولۇشى تەبىئىي. لېكىن مەسىلىگە پەقەت فىزىئو-بىئولىگىيىلىك نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمى جەھەتتىن قاراش كېرەك. ياشلارغا جىنسىي تەربىيە بېرىش ئاتا-ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇرچى. چۈنكى، كۆپىيىش-نەسلىيەت ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ئىكەن، جىنسىي ھايات ھەققىدە تەربىيە بېرىش ھەم تەبىئىي زۆرۈرىيەت.

ياشلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيەنى قاچاندىن باشلاش خوپ؟

كۆپچىلىككە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ياشلارغا بولغان جىنسىي تەربىيەت ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەيلى.

شىۋىتسىيە: ئادەتتە بالىلار 7 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن جىنسىيە ھەققىدە دەسلەپكى تەربىيىلەرنى بېرىشنى باشلايدىكەن. باشلانغۇچ ئوقۇش يىلى تۈگىگىچە 1-2 قېتىم مەخسۇس جىنسىيەت ھەققىدە لېكسىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى ساۋاتلار ئاساسەن ئۆزى ۋە جىنسىنى تونۇش بولىدىكەن.

گوللاندىيە : بۇ دۆلەت دۇنياغا مەشھۇر جىنسىي جەھەتتە تولۇق ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت. ئەمما، كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغان يېرى شۇكى، گوللاندىيىدە ياشلارنىڭ مەزگىلسىز ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. گوللاندىيىدە بالىلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيە 6 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە باشقا دەرسلىكلەرگە ئوخشاش مەخسۇس دەرسلەر تەسسىس قىلىنىدىكەن. ھەتتا ، ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرى «تەتقىقات» لار ئىشلىشىدىكەن. گوللاندىيە ياش-ئۆسمۈلىرىنىڭ تۇنجى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشى ئوتتۇرىچە 17 ياش ئىكەن.

ئەنگىلىيە: ئەنگىلىيىدە بالىلارنىڭ ياش قورامىغا قاراپ 4 باسقۇچقا بۆلۈپ جىنسىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىنىدىكەن. 5-7 ياشلاردا ئادەم ئورگانىزمى ۋە ئادەمنىڭ ئەۋلاد قالدۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش؛ 8-10ياشلاردا ھاياتلىقىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئائىت ساۋاتلار ؛ 11 – 13 ياشلار ياشلىق مەزگىلىدىكى جىسمانىي ۋە پسىخىك ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش، ئادەت كۆرۈش ۋە ئىسپىرما ھاسىل بولۇش ھەققىدىكى تەلىملەر؛ 14-16 ياشلاردا كۆپىيىش ھورمۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ۋە ئەر ۋە ئايال جىنىسلىرىغا ئائىت مۇرەككەپرەك مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكا: %95 تىن ئارتۇقراق ھۆكۈت ئىلىكىدىكى مەكتەپلەردە جىنسىي تەربىيە بېرىش جەريانىدا ئەيدىز مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرى، ئۆزىنى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مەكتەپلەردە ياشلارغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن، ھەتتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدىكەن. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى، 3/1 مەكتەپلەردە جىنسىي ھەۋەسنى كونترول قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش دەرسلىرى ئۆتۈلۈپ، جىنسىي تۇرمۇشنى نىكاھدىن كېيىن باشلاش ھەققىدە تەشەببۇسلار ئىلگىرى سۈرۈلىۋېتىپتۇ.

فىنلاندىيە: فىنلاندىيىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپلا جىنىيسەت ھەققىدىكى مەزمۇنلار باشلانغۇچ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزلگەن بولۇپ، ھەتتا، يەسلىلەردىمۇ جىنسىيەت ھەققىدىكى ئوقۇشلۇقلارنى چېلىقتۇرغىلى بولىدىكەن. «مېنىڭ بەدىنىم»، «مىڭ بىر كېچە»گە ئوخشاش ئوقۇشلۇقلارنى ئاتا-ئانىلار كۈندە بىر ھېكايىنى ئوقۇپ بەرگەندەك بالىلارغا سۆزلەپ بېرىدىكەن.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىلگىرى ‹‹ شىنجاڭدا جىنسىيەت تەربىيىسى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى ›› ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىش ئەمەلىيلەشتىمۇ يوق ئۇچۇر ئىگىليەلمەي قالدۇق. قېنى تورداشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشلارغا جىنسىي تەربىيە كېرەكمۇ يوق؟ كېرەك بولسا ئۇنى قاچاندىن باشلاش كېرەك؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقمايلىمۇ؟!…

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button