ئوغۇللارنىڭ ياشلىق دەۋرى
ئوغۇللارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئۇلارنىڭ ياشلىق دەۋرى بىر قەدەر كېچىكىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئوغۇللار ئۆز بەدىنىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، دوكتور كادلاننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوغۇل بالىلارنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بەزى روشەن فىزىئولوگىيىلىك يېتىلىش قىز بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى يىلچە كېچىكىپ يۈز بەرسىمۇ، ئەمما ئوغۇل بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان يېشى قىز بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەن يېشىدىن پەقەت يېرىم يىللا كېيىنرەك بولىدىكەن. شۇڭا، قىز-ئوغۇللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت پەرقى چوڭ ئەمەس.
ئوغۇل بالىلاردىكى ياشلىق دەۋرىنىڭ تۇنجى سىگنالى بويىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىدۇر. ئارقىدىنلا ئۇرۇقدان تېستوستېرون ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، دوۋسۇن تۈكلىرى پەيدا بولۇپ، ئارقىدىن بۈدۈرلىشىدۇ، توملىشىدۇ. يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قولتۇق تۈكلىرى پەيدا بولىدۇ؛ ئادەتتە دوۋسۇن تۈكلىرى بۈدرە ۋە توم بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئوغۇل بالىلار تۇنجى قېتىم مەنىي چىقىرىدۇ. دوكتور كىنسېل 5000 دىن ئارتۇق ئەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان يېشىنىڭ سەككىز ياشتىن 21 ياشقىچە ئارىلىقتا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %90 بالىنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان ۋاقتىنىڭ 11~15 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكى، زور كۆپ ساندىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان ۋاقتى 13 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ياشلىق دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئوغۇل بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى تەدرىجىي كۈچلىنىدۇ، سۆڭەكلىرى ئۇزىرايدۇ، يەلكىسى كېڭىيىدۇ. بۇرۇتى خەت تارتىدۇ، بوغۇزى يوغىنايدۇ، ئاۋازى بوملىشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئوغۇل بالىلارنىڭ %80 كۆكسىدىكى بولجۇڭ گۆشنىڭ ۋاقىتلىق كېڭىيىشىدە ئوسال ئەھۋالغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا ئۇرۇقدان ئاجرىتىپ چىقارغان ئاياللىق گورمون رول ئوينايدۇ، شۇڭلاشقا كۆكسى يوغىنايدۇ (بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى نورمال بولۇپ، يەنە تېزلا يوقاپ كېتىدۇ)؛ زەكەر، ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان خالتىسى تەدرىجىي چوڭىيىدۇ، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىنىمۇ ئىرادە كۈچى بىلەن تەدرىجىي تېزگىنلىگىلى بولىدۇ؛ يۈزنىڭ تېرىسى مايلىشىدىغان بولۇپ، ئادەتتە دانىخورەك كۆپ چىقىدۇ (ئوغۇل بالىلاردا بۇ ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ)؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى ئاجراتمىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر خىل بەزلەر (قولتۇق ۋە چات ئارىلىقىدىكى ئويمان جايلارغا تارقالغان)، بولۇپمۇ تەر بەزلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلىدۇ؛ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بەزلەر بىر خىل ئالاھىدە پۇراق ياكى ۋېرومون ئىشلەپ چىقىرىدىكەن، بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق سىگنال سىستېمىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.