خام دورىلار

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨـلار ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨـلار ﺋﯩﻠﻤﻰ − ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش، داۋالاش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك، ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎت ۋە ﻣﻪدەﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺳﺎﭘـلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﻣﺎددﯨـلاردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت.
ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك، ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎت ۋە ﻣﻪدەﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺧﺎم دورﯨـلار − ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلار، ﮬﺎﻳﯟاﻧـلار ۋە ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎددا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮت، ﮬﺎۋا، ﺳﯘ ﺗﯘﭘﺮاﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت «ﺗﯚت ﺗﺎدۇ» ﺋﯚز ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎددﯨـلارﻏﺎ ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘلاردا ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻣﯩﺰاﺟﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلار ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻣﯩﺰاﺟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮزۇﻗﻠﯘﻗـلارﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘﻗـلاردﯨﻦ ﺑﻪدەﻧﺪە ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯚت ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻠﯩﺘـلاردﯨﻦ ﺋﻮزۇﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ داۋاﻣـلاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ ﮬﻪم ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻣﯩﺰاج ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰاج ۋە ﺧﯩﻠﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻏـلاﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ – ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺰاج ۋە ﺧﯩﻠﯩﺘـلاردا ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯚرۈﻟﺴﻪ ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻧﻮرﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﯩـلا ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯧﺴﻪل داۋالاش ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـلارﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﻳﻪﻧﯩـلا ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻣﯩﺰاج (ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت) ۋە ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﺎددﯨـلار(دورﯨـلار)ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺧﻪۋپ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
دﯦﻤﻪك، دورا ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ۋە ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ۋە ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪت ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﺨﻞ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـلارﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت» ﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، داۋالاش ۋە دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، دورا − ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﻣﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـلارﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﺘﻪ «ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﻛﯜﭼﻰ» ﮔﻪ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ۋاﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎدﯨﺮ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ۋاﺳﯩﺘﻪ دەپ ﻗﺎراﺷﻘﺎ، ﺋﯚﻟﯜك ﮬﺎﻟﺪا ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻜﻪ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﯩﯔ روﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪدەن ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﻪم ﻣﯩﺰاﺟﯩﺪﯨﻤﯘ ﭘﻪرق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜم ﺑﻪرﮔﻪن دورﯨـلار ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜم ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ دورا داۋالاش ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ۋە ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن دورﯨـلارﻧﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ، ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜك – ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ – ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ، ﺑﯩﻤﺎر ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﻳﯘرت ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎۋا ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرﻧﻰ، ﻛﯧﺴﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﻪﺳﻠﻰ، ﺑﯩﻤﺎرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ﮬﻪم ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى، ﺋﺎﻣﺮاق ﺋﯜچ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮى، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button