بابۇنەنىڭ تەبىئتى،خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق رولى ھەققىدە
ئەرەبچە نامى:مفرھ القلب ھندى
پارىسچە نامى:بادرنگ بويە ھندى
ئوردوچە نامى:ترەگربە ھندى،بادرنجبويە ھىندى
ئىنگىلىزچە نامى:
تونۇش:كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بادرەنجى بۇيىنىڭ پۈتۈن چۆپى.
چىقىش ئورنى:ياۋروپا،ئىران،ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى:غولى تىك،چاسا شەكىلدە بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى،40~30 سانتىمىتېركېلىدۇ،سۇندۇرۇلغان يۈزى ئاق رەڭلىك بولىدۇ،يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ،كۆپلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن ياكى قۇرۇغاندا ئۇۋۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ،تۆكۈلۈپ كەتمىگەن ساقلىرى تىمىنە شەكىللىك بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى 4.5~2 سانتىمىتېر قىرلىق بولىدۇ،گۈللىرى ئاق ياكى ئاچ قىزىل خۇشپۇراقلىق،تەمى تاتلىق كېلىدۇ.
تەبىئىتى:ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيتى:قان تازىلاش،خۇشلۇق كەلتۈرۈش،مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋەتلەش،سەۋدانى تازىلاش،زەھەر قايتۇرۇش،ماددىلارنى تارقىتىش،ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىش.
ئىشلىتىلىشى:يۈرەك ئاجىزلىقى،زىققە،بەلغەم ۋە سەۋدا مەنبەلىك باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مىقدارى:7~5 گرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:كۆپ ئىشلىتىلسە باشنى ئاغرىتىدۇ
ئورۇن باسارى:رەيھان
تۈزەتكۈچىسى:كۇندۇر