ئادىراسماننىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق رولى
خەنزۇچە نامى:骆驼蓬- luo tuo peng
لاتىنچە نامى:Peganum harmala L
ئەرەبچە نامى:ھرمل
پارىسچە نامى:اسپند
ئوردوچە نامى:اسپند
ئىنگىلىزچە نامى:Common Peganum
تونۇش
ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئادىراسماننىڭ پۈتۈن چۆپىدۇر
چىقىش ئورنى:شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ
دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى:كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ،ئوق يىلتىزى توم،ئۇزۇن بۇلۇپ،غولى تۈۋىدىن 5 تەرەپكە يېيىلىپ شاخلىنىدۇ،تۆۋەن تەرىپى يەر بېغىرلايدۇ،ئۈستى سېسىق پۇرايدۇغولى يۇمىلاق ۋە قۇرغاق بولىدۇ،يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بىر قانچە قايتىلىنىپ يېرىلغان بولۇپ،نۇرغۇنلىغان ئاچىماقلىق يىپسىمان يېرىقچىلارغا بۆلۈنگەن،گۈلى ئاق،گۈل تاجىسى 5تال،شەكلى يىپسىمان يۇمىلاق بولۇپ،غوزا مىۋىسى شارسىمان بولىدۇ،گۈلى 6-ئايدا ئېچىلىدۇ
8-7-ئايلاردا ئۇرۇقى پىشىدۇ،ئېگىزلى 20-70 سانتىمىتېرغىچە بولىدۇ
تەبىئىتى:ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيتى:باھنى قۇۋەتلەش،سۈيدۈك ھەم ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش،يەل تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى:باھ ئاجىزلىقى،ئۈچەي كېسەللىكلىرى،سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىەقلارغا ئىشلىتىلىدۇ
ئىشلىتىش مىقدارى:6گرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايلاندۇرىدۇ
ئورۇنباسارى:ئادىراسمان ئۇرۇقى
تۈزەتكۈچىسى:سىركە