دورىگەرلىك ئىلمى

ئاچچىق ئەمەن (ئەفسەنتىن )نىڭ خۇسۇسىيتى ۋە شىپالىق رولى

خەنزۇچە نامى: 苦艾- kuai

لاتىنچە نامى:Artemisia absinthium L

ئەرەبچە نامى:خترق

پارىسچە نامى:مردە

ئوردوچە نامى:افسنتين

ئىنگىلىزچە نامى:Common Worm Wood,Absinth

تونۇش

مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاچچىق ئەمەننىڭ پۈتۈن چۆپىدئىن ئىبارەت

چىقىش ئورنى:ۋەتىنىمزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ

دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى:ئۆسۈملۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 70-40 سانتىمېتىر كېلىدۇ

غولى تىك بولۇپ،يۇقىرى تەرىپىدىن شاخلايدۇ،تېنى يېشىل رەڭلىك كېلىدۇ،يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق يېرىق ياپراقچە،باشسىمان گۈل رېتى يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ناھايتى كۆپ ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ

پۈتۈن ئۆسۈملۈكى خۇش پۇراقلىق ۋە ئاچچىق بولىدۇ

تەبئىتى:ئۈچىنىچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيتى:ئاشقازاننى قۇۋەتلەش،ئىششىق قايتۇرۇش،توسالغۇلارنى ئېچىش،سۈيدۈك ھەيدەش،ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرت ئۆلتۈرۈش

ئىشلىتىلىشى:ھەرخىل ياللۇغلىنىشلارغا ئىشتىھاسىزلىق،ھۆل تەمرەتكە،سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

ئىشلىتىش مىقدارى:2-5 گرام

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:باشنى ئاغرىتىدۇ

ئورۇنباسارى:ئەپسەنتىن رۇمى

تۈزەتكۈچىسى:ئانار

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button