شىپالىق گىياھلار

يىمەك – ئىچمەك رېتسىپلىرى

بادام

تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، پەيلەرنى بوشتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، يۆتەل ۋە زىققىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< چىلان>>
تەبىئىيتى : قۇرۇق ئىسسق
شىپالىق رولى: ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ئىچ سۈرۈش، جىددى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، سۇنۇق، كالتىسىي كەملىك، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۆپكە تۇبېركىليۇزى ھەمدە كۆپ خىل يۇقۇملىنىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ياڭاق >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: نېرۋا ئاجىزلىقى،بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان باش قىيىش، ئۆپكە تۇبېركىلىيۇزى، كۆكيۆتەل، سۈيدۇك يولىغا تاش چۈشۈش،ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بەل – پۇت ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش، قەۋزىيەت، تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
<< ئانار >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، يۈرەك، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان توختىتىدۇ. كونا تولغاق، ئىچ سۈرۈپ كېتىش، ھەرخىل قاناش بوۋاقلاردىكى سۇلۇق قاپارىتما قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوشۇمچە: ئانار پوستى قان توختىتىدۇ، قۇرت چۈشۈرىدۇ، كونا ئىچ سۈرۈش، كونا تولغاقلارنى داۋالايدۇ، تەمرەتكىلەرگە داۋا بولىدۇ، بىراق كۆپ ئىشلىتىلسە زەھەرلەپ قويىدۇ.
<< ئۈزۈم >>
تەئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ ئۇسسۇزلۇق، جىگەر ياللۇغى، سېرىق داغ، تولغاق، قان ئازلىق سۆڭەك تۇبېركىلىيۇزى، ئۇرۇلغان يىقىلغان يارىلار، رېماتىزىم ئاغرىقى، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىپ كېتىش، ھامىلدارلىق رېئاكسىيسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< شاپتۇل >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ياشانغانلاردىكى ماغدۇرسىزلىق، قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت بولىدۇ.
<< ئۈرۈك >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئېغىز قۇرۇپ ئۇسساش، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوشۇمچە راكقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار.
<< ئۈجمە >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسق
شىپالىق رولى: قان ئازلىق، ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەت، نېرۋا ئاجىزلىقى، بۆرەك ياللۇغى، رىماتىزىم،شىكەر سىيىش كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ئالما >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى:سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، جىگەر قېتىشىش، ھامىلدارلىق رېئاكسىيسى، ئېغىز قۇرۇش، يۇقىرى قان بېسىم، سىنىك كەملىك، ئېغىر سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ئەنجۈر >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسق
شىپالىق رولى: تولغاق، ھەزىم ناچارلىقى، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، زىققە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، يۆتەل بوۋاسىر، ھەخىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بۆلجۈرگەن>>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: كونا قۇرۇق يۆتەل، گال ئاغرىپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، قان ئازلىق، ھەزىم ناچارلىقى، ئېغىز يارىسى، قەۋزىيەت، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قان سىيىش، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي يۇقىرلاپ كېتىش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button