شىپالىق گىياھلار

شاپتۇل

شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، قەۋزىيەت بولغانلار ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز بولغاچقا، شاپتۇل سۇلۇق ئىششىق بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تازا باب كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇل مېغىزىنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قان قېتىش ۋە جىگەر كېسلىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان ياكى ھەيز ئاغرىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇلنىڭ يېلىمى بىلەن خىلوس سىيىش، شېكەر سىيىش ۋە ئىدرا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېلىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمى ھەر قېتىمدا 10-20 گرام قاينىتىپ ئىچىلسە بولىدۇ.

شاپتۇلنىڭ يوپۇرمىغى بىلەن ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدا جىنسىي يولنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button