پەرۋىش تەدبىرلىرى
ئاشقازان تۆۋەنلەش
تونۇش:
ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئاشقازاننى مۇقۇملاشتۇرغۇچى پەي-تارامۇشلار بوششپ ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېلىنكدا،ئىشتىھاسىزلىق كۆڭلى ئېلشش،قۇسۇش،تۇيۇنۇپ تاماق يىگەندىن كېيىن،تۆۋەنگە تارتىشقاندەك سېزىم بۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك.
كىسەللىك سەۋەبى:
- تەمسىز خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- ئاشقازاندىكى باشقا كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- باشقا سەۋەبلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كىلنىك ئىپادىسى:
سول تەرەپ يۇقارقى ساھەسى يېقىمسىزلىنىش،قورساق ئېسلىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،كۆڭلى ئېلىشپ قۇسۇش،ياكى ئىچى سۈرۈش،تاماق يىگەندىن كېيىن ياكى ھەرىكەت قلغاندىن كېيىن قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش.
پـەرۋىش:
- روھى جەھەتتە بىمارغا ياردەملىشىپ،ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىپ،ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش كېرەكلىكى روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بۇلۇشقا،ساقىيىسقا ئىشەنچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىش.
- ئوزۇقلىنى جەھەتتە بىمارنىڭ خىلىت مىزاجى ئۆزگىرىشىگە قاراپ،ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ،تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى مايلىق يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،ھەددىدىن قورساقىنى ئاچ قۇيۇشتىن، زىيادە تۇيۇنۇپ كېتىشدىن ساقلىنىش،تاماقنى زىيادە سوغۇق زىيادەئىسسىق يىيشتىن،تاماق يەپلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم.
- دورا پەرۋىش جەھەتتە : ئۇيغۇر تىبابىتىدە،دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ،شەكلى ھەرخىل بولغاچقا،بىمارلارغا بەرگەندە،ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىپ،دورا مىقدارى،ۋاقتى،ئىشلتىش ئۇسۇلى،دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى،ئۈنۈمى،تەسىرى،چوڭ-كىچىك تەرىتى،ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇپ خاتىرلىنىدۇ.
- تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە:توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتلىدۈرۈش،يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش،ياخشى ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.