پەرۋىش تەدبىرلىرى
ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى
كىسەللىك سەۋەبى:
- روھى-نىرۋا ئامىللىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
- نەزلە سۇيۇقلۇقى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.
- تۈرلۈك فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- ئاشقازان دىۋارىدىكى قان تۇمۇرلارغا قان قېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
- ئاغرىش بولىدۇ.ئاغرىش خاراكتىرى رېتىملىق ئاغرىيىدۇ. تاماق يىگەندىن كېيىن ئاغرىيىدۇ.
- قانلىق تەرەت كۆرىلىدۇ.
- ھەزىم بۇزۇلۇش ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.يەنى،قورساق كۆپۈش،ئىسىلىش،ئىشتىھاھ تۆۋەنلەش،ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.
- پەسىل خاراكتىرلىك قوزغىلىش بولىدۇ.
بەدەن بەلگىلىرى :
يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش،بەسقاندا ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىش،ئاشقازاننى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىش،ئېغىر بولغانلىرىدا ئورۇقلاش،قان ئازلىق كۆرىلىدۇ.
پـەرۋىش تەدبىرى:
- ئاغرىش بەك قاتتىق بولىدۇ.ھەزىم يولىنىڭ قانىشى قوشۇلۇپ كەلسە يېتىپ ئارام ئېلىش،بىمارغا روھى جەھەتتىكى پەرۋىشىنى يولغا قويۇپ،كېسەلىنىڭ غەم-ئەندىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ كىسەللىك ئالامىتىىنى يەڭگىللىتىش.
- ئوزۇقلۇق بىلەن پەرۋىش قىلىش:ئاز ھەم پات-پات تاماق يېيىش،ھەر قېتىملىق تاماقتا بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك،ھەر كۈنى 4قېتىمدىن5قېتىمغىچە غىزالىنىش،ئاشقازاننى زىيادە غىدىقلايدىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن،دورىلاردىن ساقلىنىش،تاماقتا ئۇن تامقىنى ئاساس قىلىش،ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلاردىن چەكلەش،قۇۋەتلىك،ئاسان سىڭىدىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.
- كىسەللىك ئەھۋالىنى كۈزىتىش:ئەگەر بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالسا،ۋاقتىدا دۇختۇرغا مەلۇم قىلىش لازىم.
- روھى جەھەتتىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىپ،كىسەلگە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق روھى-كەيپىياتنى تەڭشەش.ئەگەشمە كىسەللىكلەرگەدېققەت قىلىش.كىرگەن-چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىغا دېققەت قىلىش.چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە رەڭىگە دېققەت قىلىش،ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە،ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىش.