يار خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى
تونۇش:
يارا خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى،سوزۇلما غەيرى خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ مۇھىت ئامىلى،ئوزۇقلۇق ئامىلى،بەدەن سۇيۇقلۇق ئامىلى،يۇقۇملىنىش ئامىلى،قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ چوڭ ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە،سوزۇلما خاراكتىردىكى ياللۇغ ۋە يارا پەيدا قىلىشدىن ئىبارەت بۇلۇپ،كىلىنكىدا،ئىچى سۈرۈش،قان-يىرڭلىق تەرەت قىلىش،قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
- ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ھەرخىل جاراسىملار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى،ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتى، ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- زەڭگا رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرى تەبىئىي زەڭگا رەڭ سەپرا خىلىتى، ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملۇق كىسەللىكىرى سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تولغاق،خولىرا،كىزىك،ئۈچەي سىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن،ئۈچەي شىللىق پەردىلەر زەخمىلىنىپ،ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- روھى ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كىلنىك ئىپادىسى:
ئىچى سۈرۈش،ئاغرىش،توڭۇپ تىتىرەش،قىزىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،قان يىرىڭلىق تەرەت كېلىش،ئاشقازان ياللۇغى بىلەن قۇشۇلۇپ كەلسە،قۇسۇش،قورساق مۇسكۇللىرى جىددىلىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.ئىسھال بىلەن قەۋزىيەتلىك ئالمىشىپ كېلىدۇ..
پـەرۋىش تەدبىرى :
- كىسەلىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن بىمارنى پاكىزە،ئازادە،تېنىچ،ساپ ھاۋالىق كىسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،كىسەلخانىنىڭ نەملىك دەرىجىسى%50~%60 ۋە تېمپىراتورىسى℃20~℃22 ئەتىراپىدا بۇلۇش،تولۇق ئۇخلاش شارائىت ھازىرلاپ،ماددا ئالمىشىشىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ شۈمۈرلىنشنى توسۇش،داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ،بىمارنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
- روھىپەرۋىشى جەھەتتە: بىمارغا ياردەملىشىپ، ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىپ،ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگىتىش.مەسىلەن:چوڭقۇر نەپەسلىنىشقا كۈندەش،پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنى بوشۇتۇش،ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئاغرىق سېزىمىنى يىنكلىتىدۇ.
- ئوزۇقلىنىش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارنىڭ خىلىت مىزاجى ئۆزگىرىشىگە قاراپ،ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ،ماس كېلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلاننى تۈزۈپ،
مەسىلەن:خولۇپ ئاش،چۆچۆرە،ئۇماچ قاتارلىق.يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك،يۇقىرى ئاقسىللىق،مايلىق،تۇزلۇق،مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەش مەسىلەن:پولۇ،قاتلىما،گۆش نان،تونۇر كاۋاپ،كالا گۆشى،قورداق قاتارلىقلاردىن چەكلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق قېممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەردىن: نارىن، شوگۈرۈچ، توخۇ گۆشى، قىيما گۆشلەردىن بىرىلىدۇ. سوغۇق تەبىئەتلىك، ئاچچىق-چۈچۈك، چالا پىشۇرۇلغان غىـدىقلـىغۇچـى يىمەكـلىكلەردىن: لاز-ئاچچىقسۇ، سامسـاق، تاۋۇز، شـاپتۇل، نـەشـپۈت قـىيـزا، ھەرخىل سۈت، قېتىق قاتارلىقلاردىن چەكلەش. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، ھەددىدىن قورساقىنى ئاچ قۇيۇشتىن، زىيادە تۇيۇنۇپ كېتىشدىن ساقلىنىش، تاماقنى زىيادە سوغۇق زىيادەئىسسىق يىيشتىن، تاماق يەپلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم.
- دورا پەرۋىش جەھەتتە : ئۇيغۇر تىبابىتىدە،دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەرخىل بولغاچقا، بىمارلارغا بەرگەندە،ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، دورا مىقدارى،ۋاقتى،ئىشلتىش ئۇسۇلى، دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى، ئۈنۈمى، تەسىرى،چوڭ-كىچىك تەرىتى،ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇپ خاتىرلىنىدۇ.
- تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارغا توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىپ،ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش،تولۇق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
شەخسى تازلىققا دېققەت قىلىپ،ھەر قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتىىن كېيىن قول يۇيۇش ئادىتىن يىتىلدۈرۈش.ئىچ كىيىملىرىنىڭ پاكىزە،قۇرغاق بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
بىمار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش،بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپ كىسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچى ئاشۇرىلىدۇ.
بىمارغا قايناقسۇ كۆپىرەك ئىستىمال قىلىپ،توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.