ھەركەت ئومۇرنى ئۇزارتىدۇ
ئادەمنىڭ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى تاۋلىشى- روھى ئازادىلىكنىڭ روشەن سىمۋولى، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ ئاساسى.
خەلق ئاممىسىنىڭ سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش سەۋيەسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشلەرنىڭ سەھەر تۇرۇپ، پىيادە يول مېڭىپ، يۈگۈرۈپ، گىمناستىكا ۋە ھەر خىل ھەركەتلەرنى ئويناپ خوشال، ئەركىن كەيپىيات بىلەن قىزغىن بەدەن چېنىقتۇرۋاتقانلىقى دائىم كۆزىمىزنىڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئادەم كېچىدە ئۇخلىغاندا تۇمۇرلاردىكى قان ھەركەتتىن توختايدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە قان تۇمۇردا ئۇيۇپ قېلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. سەھەر تۇرۇپ سىرىتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلغاندا سۈمۈردىغان ئوكسىگىن مىقدارى ئۆيدە ئولتۇرغان چاغدىكىدىن 3 ھەسسە كۆپ بۇلىدۇ. ئەگەر ئادەم ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە پىيادە مېڭىپ ياكى يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكىنىڭ ھەركىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ بىرىدۇ. ھەركەت ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇللىرمۇ مۇناسىپ ھالدا چېنىقىش رولىغا ئىگە بۇلىدۇ. سەھەردە ھاۋا ساپ ۋە سالقىن بولغاچقا بەدەن قۇبۇل قىلىدىغان ئوكسىگىن كۆپىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نېرۋا سېستىمىلىرنىڭ خىزمىتى ياخشىلىندۇ. قان ئايلىنىش ياخشىلىندۇ، سەھەردە ھەركەت قىلغاندا قان تۇمۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ. ئادەم بىر سوتكا ئىچىدىكى بىر سائەت ۋاقتىنى ئاجىرتىپ ھاۋاللىق مەنزىرلىك جايلاردا ئاستا يۈگرەش ياكى تىز مېڭىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرسا ئۇنىڭغا بولغان ساغلاملىقى ياخشى بۇلىدۇ.
ئۇمۇمەن ئالغاندا 37 خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاسان شارائىت تاللىمايدىغان ھەر قانداق ياشتىكىلەرگە ماس كىلدىغىنى پىيادە يول مېڭىش بۇلۇپ، ئادەم پىيادە يول ماڭغاندا پۈتۈن بەدىنى ھەركەتكە كىلىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشچانلىق كۈچىيدۇ. پىيادە يول مېڭىپ چېنىققاندا ئىمكان قەدەر تەرلەش پايدىلىق. يۈگۈرۈشتە ئاستا يۈگۈرۈش تەلەپ قىلىندۇ. يۇگۈرۈش- پىيادە مېڭىشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەركەتلىرى ئىچىدىكى ئۈنۈمى پىيادە يول مېڭىشتىنمۇ يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇردۇ. لىكىن يۇگۈرگەندە ئاستا يۈگۈرۈش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇزۇنغا يۈگرەشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكى بار.
- ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- مىڭە قان تۇمۇرلىرنى راۋانلاشتۇرۇپ، مېڭە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇ، مىڭە قان تۇمۇرلىرنىڭ تۇسۇلۇشى ۋە يىگىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
- ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق كۈچ- قۇۋتىنى ئاشۇرىدۇ. نەپەس يوللىرنى راۋان قىلىدۇ. كۆكرەك قەپىزىنى كېڭەيتىدۇ.
- ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- بەدەن قۇۋىتىنى ئاشۇردۇ، ھەركەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتىرىدۇ. پۇت- قول، ئوقرەك، يوتا قاتارلىق ھەر قايسى قىسىملارنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. پۇت- قوللار ئاسان قايرىلىپ كەتمەيدۇ، قان ئاسان سوۋۇپ كەتمەيدۇ.
- ئۇزۇنغا يۈگرۈش- بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىپ، زىيادە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدەن تۈزلىشىنى چىرايلىق، كىلىشكەن، بەستلىك، قامەتلىك قىلىدۇ، ئادەمنى جانلىق تىتىك قىلىدۇ.
- ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئادەمنىڭ روھى- كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. روھى- ھالەت بىلەن ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى نورماللاشتۇردۇ. روھى چۈشۈپ كىتىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.
نۆۋەتتە، جەمئيەت تەرەقىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققياتنىڭ ئۇچقاندەك تىز ئىلگىرلىشى ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى قول بىلەن تۇتۇپ ئىشلەيدىغان ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەر ئازىيىپ ئۇنى ماشنا- ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىردىغان بولدى. پىيادە مېڭىش ئازىيىپ ھەممە ئادەم ماشنىغا ئولتۇردىغان ئەھۋال شەكىللەندى.نەتىجىدە جىسمانى ئەمگەك ۋە ھەركەتمۇ ئازىيىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى زامان كىشلىرنىڭ ئۇزۇقلىنىش سۈپىتى يۇقرى بولسىمۇ، ئەمگەك ۋە ھەركەت يىتەرلىك بولمىغاچقا، كۆپلىگەن كىشلەردە بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، بۇ بوشلىقنى تولدۇرۇشنى تەكىتلەش ئىنتايىن زۈرۈر بۇلۇپ قالدى.
قەدىمكى گىرىتسىيە مۇتەپپەككۇرى ئارىستوتېل بۇرۇنلا كىشلەرگە « ئادەمنى ئەڭ تېز قېرىتىدىغان نەرسە، ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەتتىن ئايرىلىپ قېلىش» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دورىلارنىڭ كېسەللەرنى داۋالاشتا مەلۇم شىپالىق رولى بولسىمۇ لېكىن ھەممىگە قادىر ئەمەس، بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىشىشى، بوشاپ كېتىشى، يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا- پەقەت جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەننى چېنىقتۇرۇشلا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق- ھەركەتتە، ئادەمدە ھەركەت بولمايدىكەن ئۇنداقتا ھاياتمۇ بولمايدۇ. جىسمانى ھەركەت يىتەرسىز بولغان ھاياتلىق ساغلام بولمايدۇ. ئۆمرىمۇ بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەت قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغان، ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالارنىڭ تەرەقىياتى يىتەرلىك بولمايدۇ. جۈملىدىن ئىچكى ئەزالار تۇلۇق يېتىلمەيدۇ. يېتىلگەن تەقدىردىمۇ جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالسا ئىچكى ئەزالار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئادەتتە جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدىننى چېنىقتۇرمىغان كىشى، تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن قان بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ساغلام بۇلۇشنى ۋە ئۆمىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئادەم ياخشى يەپ ئىچىشنىلا بىلىپ، جىسمانى ھەركەت قىلىشقا سەل قارايدىكەن ياكى جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەدەن ساپاسى دىگەندەك ياخشى بولمىغان، ئادەتتىكىچە بىر ئادەم ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ دائىم جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرسا، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى تېخىمۇ ياخشىلنىپ ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ئاستا يۈگۈرگەندە ياكى تىز- تىز ماڭغاندا بولسۇن ياكى گىمناستىكا ۋە ھەر خىل گۇمپىلارنى ئوينىسۇن ياكى زامانىۋى چېنىقىش سايمانلىرى بىلەن بەدىنىنى تاۋلىسۇن، ھەركەت ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەممە ئەزاسى چېنىقىدۇ.
ئادەم ھەركەت قىلغانسىرى ئىچىكى ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ئېشىپ بارغانسىرى كۈچىيدۇ. نەتىجىدە بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي، قەنىت ۋە چىقىرىندىلار تەر بىلەن چىقىپ كىتىپ بەدەن ساغلاملىشىدۇ. بەدەننىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە قارشى ئىمونتىت كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ھەر خىل جىسمانى ھەركەتلەر ۋە جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىش ئارقىلق زۇكام، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەر خىل سۈپەتلىك ئۆسمە، يۈرەك قان تۇمۇر تۇسۇلۇپ قېلىش، دىئابىت كىسلى، سارىس كېسىلى، ئەيدىز كېسلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسلى قاتارلىق كېسەلىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.