يۆتەل توختىتىشقا قارتا چاي دورىلىرى.
1-چايلىق
تەركىبى: چۈچۈك بۇيا يىلتىزى بىلەن ، تاغ پىيىزى ئالتە. گرامدىن، شۇمشا ئۇرۇقى بىلەن پىرسىياۋشان ئۈچ گرامدىن.
تەسىرى: ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىدۇ ۋە دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ ئىككىگە بۆلۈپ ، بىر بۆلىكىنى بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ بىر قېتىمدا ئىچىلىدۇ.
2-چايلىق
تەركىبى: چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، قىزىل گۈل ، پىننە ، زەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا چالا سوقۇپ دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىلىدۇ
تەسىرى: كاناينى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىدۇ، يۆتەلنى پەسەيتىپ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
3-چايلىق
تەركىبى: تازىلانغان قىزىل پوستلۇق سامساق ئىككى چىش شېكەر ياكى ناۋات ئون گرام.
تەسىرى تۈرلۈك يۆتەلنى جۈملىدىن كۆك يۆتەل زۇكامدىن ، ئۆپكە سېلىدىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى :سامساقنى يۇمشاق ئېزىپ ، چوڭراق بىر ئىستاكانغا شېكەر ياكى ناۋات بىلەن بىرگە سېلىپ دەملەپ.. تەمىنى چىقىرىپ بىر قېتىمدىلا قىزىق ئىچىلىدۇ ، بىر كۈندە ئىككى ئۈچ ۋاق ئىچىلىدۇ.
4-چايلىق
تەركىبى: چۈچۈك بۇيا يىلتىزى ئاق لەيلى ئۇرۇقى ياكى غولىزىغىر بەش گرامدىن بادام مېغىزى ئون دانە كۆكنار شاكىلى ئۈچ گرام ناۋات.يىگىرمە گرام.
تەسىرى: كۆك يۆتەلنى ۋە كۆك يۆتەل قىزىتمىسىنى پەسەيتىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى:چالا سوقۇپ بىر چىنە قايناقسۇدا ، ناۋاتنىمۇ بىرگە سېلىپ دەملەپ ، قىزىق پېتى ئىچىلىدۇ
ئەسكەرتىش: ئېمىۋاتقان بالا كۆك ، يۆتەل بولۇپ قالغاندا ئانىسى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
5-چايلىق
تەركىبى: ئەنجۈر قېقى زۇفا پىرسىياۋشان ئاقلەيلى ئۇرۇقى ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم سەرپىستان ئون گرامدىن.
تەسىرى سوغۇقتىن يەنە بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ ، ھەر قېتىم بىر ئىستاكان قايناقسۇدا ئون گرامدىن دەملەپ قىزىق ئىچىپ بېرىلىدۇ.