ئاياللار سورۇنغا قاراپ كىيىنىشى كېرەك
تەمكىن، ئالىيجاناپ، روھلۇق كۆرۈنەي دېسىڭىز شارائىتقا قاراپ كىيىنىڭ.
خىزمەت ئورنىدا خىزمەتچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىزدا چوقۇم خىزمەت كىيىمى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۈرۇڭ. ئەگەر خىزمەت كىيىمى يوق بولسا، ئامال بار چوڭ سۈپەترەڭ (ياقىلىق، سىدام)كىيىملەرنى كىيىڭ. ئالاھىدە ئوچۇق رەڭلىك، پەۋقۇلئاددە كەڭ ياكى تار كىيىملەرنى كىيمەڭ. ئېڭىشسە مەيدىسى، قولنى كۆتۈرسە قولتۇقى ئېچىلىپ قالىدىغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
چاچ پاسونىڭىزنى ھەررەڭ – سەررەڭ قىلىپ ياسىتىۋالماڭ. چېچىڭىزنى چۇرۇق ھالەتتە قويۇپ بېرىپ، خىزمەت ئورنىڭىزغا بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ھېچ بولمىسا رەتلىك تاراپ چاچ قىسقۇچ ياكى چاچ بوغقۇچ بىلەن بوغۇپ يۈرۈڭ.
ئىش ئورنىڭىزدا ھەددىدىن زىيادە چوڭ ياكى چاكىنا زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقىۋالماڭ. بولۇپمۇ قۇلىقىڭىزغا ساڭگىلايدىغان ھالقا سېلىپ يۈرمەڭ. ھەممە بارمىقىڭىزغا ئۈزۈك سېلىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.
بازارغا چىققاندا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئازادە كىيىملەرنى كىيىڭ. كىيگەن كىيمىڭىز تار ھەم قىسقا بولمىسۇن، بەك چاكىنا پاسۇنلۇق كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقماڭ. كىيىمىڭىز بىلەن سومكىڭىز ماسلاشقان بولسۇن. سىرتقا چىققاندا ئامال بار نورمال پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىڭ، پەۋقۇلئادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن بازارغا چىقىپ، يېرىم يولغا كېلىپلا مېڭىش شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. چېچىڭىزنىڭ شەكلىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسۇندا ياسىۋېلىڭ، بىراق چۇۋۇق قويۇپ بەرمەڭ. ئامال بار ئىگىز تۈرۈۋېلىڭ، كېيگەن كىيىمىڭىزنىڭ پاسۇنى بىلەن چاچ پاسۇنىڭىز ماسلاشقان بولسۇن. گىرىمنىمۇ نورمال قىلىڭ. زىننەت بۇيۇملىرىڭىز ئاددىيراق بولسۇن، كەيپىياتىڭىز جۇشقۇن، تېتىك كۆرۈنسىز. يول ماڭغاندا بەك تېز ماڭماڭ، كۆزلىرىڭىزنى ھەممە ياققا تەڭ يۈگۈرتمەڭ، يولدا بىر نەرسىلەرنى يەپ مېڭىشتىن ساقلىنىڭ.
زىياپەت سورۇنلىرىغا بارغاندا سورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ (ئەگەر ئەر – ئايال بىللە بارىدىغان سورۇن بولسا) كۆركەم، كەڭ – كۈشادە، پاسۇنلۇق، رەڭلىك، ئۆزگىچىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيىڭ. (ئەگەر سىز ساھىبخان بولسىڭىز باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رەڭلىك، جۇلالىق، نېپىز رەختلەردىن تىكىلگەن ئۇزۇن مۇراسىم كۆڭلىكى كىيىڭ. كۆڭلەك بىلەن ئىچ كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ماسلاشسۇن). ئامال بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىم كىيىڭ. ئاياق كىيىم بىلەن پايپاقنىڭ ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى ماسلاشقان بولسۇن. چاچ پاسۇنىڭىزنىمۇ ئەڭ چىرايلىق پاسۇندا، كىيگەن كىيىمىڭىزنىڭ ياقا ئويانجىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىتىڭ. گىرىمنى ئادەتتىكىدىن سەل قېنىقراق قىلىڭ. ئەگەر كەچلىك زىياپەت بولسا، پارقىراق، كۆركەم، چىرايلىق زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاڭ. ئالتۇن بۇيۇملارنى تاقىۋالماڭ. كىيمىڭىزنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بۇلاپكا قىستۇرۇۋېلىڭ. چېچىڭىزغىمۇ ياقۇتلۇق، پارقىراق چاچ بوغقۇچ قىسىڭ. سورۇندا باشقىلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە زەن سېلىپ قارىماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنىمۇ تولا تۈزەشتۈرۈپ كۆز – كۆز قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
چوڭلار ، پېشقەدەملەر يىغىلغان سورۇندا چوڭلار قاتناشقان توي – تۆكۈن ۋە باشقا مېھماندارچىلىقلارغا (ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشلارغا)بارسىڭىز ئامال بار مىللىيچە ئەنئەنىۋى كىيملەرنى، چوڭلار ياقتۇرىدىغان ئۇزۇن، پۈتۈن كىيىملەرنى كىيىڭ. چوڭلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارغا ماس ھالدا ئامال بار بېشىڭىزغا ياغلىق ياكى شارپا ئارتىۋېلىڭ. ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرىڭىزنى نا مۇشۇنداق سورۇنلاردا تاقىسىڭىز ماس كېلىدۇ. گىرىمنى مۇۋاپىق قىلىڭ، ئەمما بۇنداق سورۇندا ئارتۇق گەپ قىلماڭ. چوڭلاردىن ھەرگىز گەپ تارتىۋالماڭ. سورۇن ئاخىرلاشقىچە ئامال بار سورۇندىن ئايرىلماڭ.
يۇقىرىقلارغا دىققەت قىلالسىڭىزلا، باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قالالايسىز.