شىپالىق رېتسىپلار

قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى

     ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىچىپ بېرىش ، 250گرام ياغسىز سۈزمە يەپ بېرىش : سۈتتە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىكى بەزى ماددىلار ئۈنۈملۈك ھالدا يېمەكلىك قەنتلەرنىڭ قان قەنتىگە ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ.

    كەچلىك تاماقتا پالەك يەپ بېرىش:پالەك تەركىبىدە ماگنىي ئىلمىنتى مول بولۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا دىئابىت كېسەللىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ئاز–ئازدىن كۆپ غىزالىنىش : بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق غىزانى بۆلۈپ ، بىر نەچچە قېتىم يېيىش شۇنداق قىلغاندا، بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا گلۇكۈزا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۈنىڭ بىلەن بىرگە قەنتنىڭ جىددىي ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 ھەر كۈنى پىيادە يول مېڭىپ بېرىش: پىيادە مېڭىپ بېرىش ئارقىلىق دىئابىت كېسەللىكى بىلەن ئۆلۇپ كېتىش خەۋىپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

  تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش : ئادەمنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە،قان قەنتى جددىي * تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. لېكىن قورسىقى ئېچىپ ئۆتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالانسا،بەدىنى تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردىكى گلۇكوزىنى قوبۇل قىلىپ،ئىنسۇلىن بېزى تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىننى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ،يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    بالدۇر يېتىپ،بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇش: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    ھەر كۈنى 100گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بېرىش: بىر كۈندە 100 گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بەرسە،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

    مۇۋاپىق ھالدا يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش:مەسلەن،كۈنجۇت،ئۆرۈك مېغىزى،كۆممىقوناق ئۇنى،لامىنارىيە،سۇلۇ يارمىسى،سۈپۈرگە قوناق مېغىزى،كەرەپشە، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار،ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تالانىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ،مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،غىزالىنىشتىن كېيىنكى قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button