ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى
بۇ ئادەتتە ھارارىتى يۇقىرى جايلاردا ئۇزاق تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسىقلىق يېمەك- ئىچمەكلەر ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش….قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بىردىغان كېسەللىك بۇلۇپ، باش چىڭقىلىپ ئاغىرىش، زىڭىلداپ ئاغىرىش، ئۇيقۇسى قېچىىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق ھەم بەدەن تېلىپ ئاغىرىش،ياكى سىرقىراپ ئاغىرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندۇ.
داۋالاش:
1- ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا، ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
2- بىر چىمدىم قىزىل گۈلنى بىر پىيالا قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسىمۇ بۇلىدۇ.
3- ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قۇيۇپ بەرسىمۇ ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
4- سىمىز ئوت شورپىسىنى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
5- ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سۇقۇپ، باشقا زىماد قىلسا شىپا بۇلىدۇ.
6- خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پىشانىسىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
7- پالەكنى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
8- پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
9- بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىستىمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بۇلىدۇ.
10- ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەت قلىدۇ.