تۇتقاقلىق دىمى سىقىلىش
بۇ كىسەللىك غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ياكى ھەرخىل كىسەل قوزغىغۇچى ماددىلارنىڭ كاناي ۋە كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكىللىرىدا سىپازمىلىنىش خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە كىلىنىكىدا تۇتقاقلىق دىمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ۋاقتىدا جىددى چارە قىلمىغاندا بىمارنىڭ نەپىسى توختاپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئۆتكۈر نەپەس سېستىما كىسەللىكىدىن ئىبارەت.
داۋالاش:
1-رېتسىپ:
سايىدا قۇرىتىلغان ۋاڭ ئۆسۈملۈكىنڭ گۈلىنى ئاپتاپپەرەس ئۆسۈملىكى غولى ئىچىدىكى توغرالمىسى بىلەن بىللە كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنى پۇرىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
2-رېتسىپ:
بىنەپشە، ئاقلەيلى ئۇرىقى، نىلۇپەر، چاكاندا قاتارلىقلاردىن بىر سىقىمدىن، كۆكنار غوزىكىدىن ئىككى تال ئىلىپ قاينىتىپ، ھورىنى پۇرىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3-رېتسىپ:
كېۋەز يېلتىزىدىن بەش تال، چىلاندىن 50 تال ئىلىپ قاينىتىپ ئىچكۈزسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4-رېتسىپ:
ئىككى تارغاق ئارلىقىنى ئۆردەك يىغى بىلەن ياغلاپ بىرىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.
5-رېتسىپ:
قىزىل چۆبىچىن، چاكاندا، كەندىر ئۇرىقى قاتارلىق دورىلارنى ئچ چىمدىمدىن ئىلىپ، چاي ئورنىدا دەملەپ ئېچىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.
6-رېتسىپ:
سازاڭ قۇرتىدى 40 تال، ھەرە كۆنىكى 3 تال، چۈچۈكبۇيا يېلتىزىدىن بەش چىمدىم ئىلىپ، سازاڭ بىلەن ھەرە كۆنىكىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، ئىزىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قوناق چوڭلىقىدا كۇمىلاچ قىلىپ، كىسەل تۇتقان مەزگىلىدە بىر تال شۈمسە كىسەل قويۇپ بىرىدۇ.
7-رېتسىپ:
سامساقتىن بىر سىقىم، ئالقاتتىن بىر سىقىم ئىلىپ سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاق چوڭلىقىدا كۇمىلاچ قىلىپ، كۈندە ئىككى قىتىم، يەتتە تالدىن ئېستىمال قىلىنىدۇ.
8-رېتسىپ:
ئاق قۇشقاچنى سۇيۇپ، مېڭىسى ۋە ئۈچ چىمدىم ئاق شېكەرنى قۇشقاچنىڭ ئىچىگە سېلىپ تىكىپ، تەخسىگە قويۇپ قاسقاندا پىشۇرۇپ يىسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
9-رېتسىپ:
ئىككى دانە توخۇ تۇخىمىنىڭ سېرىقىغا ئۈچ چىمدىم ئاق شېكەر، بىر چىمدىم قارىمۇچ تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، چالا پىشۇرۇپ يىگۈزىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.
10-رېتسىپ:
بىر سىقىم زىغىرنى بىر پىيالە قايناق سۇغا چىلاپ، شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن، كەچتە ئىچىلىدۇ.