يۈرەك نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا سوقۇپ تۇرىدۇ؟
يۈرەك ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا توختىماستىن سوقۇپ تۇرىدۇ. ھەم چارچاپمۇ قالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، يۈرەكنىڭ ھەركىتى رىتىملىق بولىدۇ.
يۈرەك قانداق رىتىملىق ھەرىكەت قىلىدۇ؟
بۇنى يۈرەك بىر قېتىم سوققاندا يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ بوشىشىش ۋە قىسقىرىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ھەرقېتىملىق سوقۇشىنىڭ كونكرېت جەريانىنى قىسقارتىپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: ئالدى بىلەن يۈرەك ئۇچى دالانچىسى قىسقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈرەك ئىككى قېرىنچىسى بوشىشىدۇ. ئارقىدىنلا يۈرەك ئىككى دالانچىسى بوشىشىش بىلەن تەڭ يۈرەك ئىككى قېرىنچىسى قىسقىرىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۈرەك بوشىشىدۇ. يۈرەك مانا مۇشۇنداق رىتىملىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر يۈرەك رىتىمى مىنۇت/قېتىم 75 بولسا يۈرەكنىڭ بىر قېتىم سوقۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 0.8 سېكۇنت بولىدۇ. بۇنىڭدا يۈرەك دالانچىسى پەقەت 0.1 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ (قىسقىرىپ)، 0.7 سېكۇنت ئارام ئالىدۇ. (بوشىشىدۇ). يۈرەك قېرىنچىسى 0.3 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ، 0.5 سېكۇنت ئارام ئالىدۇ. بۇنىڭ يۈرەك بىر قېتىم سوققاندا يۈرەك دالانچىسى ۋە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ بوشىشىش مەزگىلى قىسقىرىش مەزگىلىدىن ئۇزۇنراق بولىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە يۈرەك مۇسكۇلى يېتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قان يۈرەككە تولۇق قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدە يۈرەك توختىماستىن سوقىدۇ، ھەم چارچاپمۇ قالمايدۇ.