ئادەم بەدىنى قايسى ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلارغا موھتاج
ئادەم بەدىنى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا قانغاندىلا ئاندىن نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارالايدۇ. بىراق سىز بىلەمسىز؟ بەدەننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلىرى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلار ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بۇ ئىلمىنتلارنى بىزگە تەپسىلىي كۆرسىتىپ بەردى.
سۆڭەك: كالتسى ۋە ۋىتامىنD. بۇ ھەممەيلەن ئېنىق بىلىدىغان بىر تۈر، بۇلۇپمۇ كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللا ناھايىتى ئاسانلا كالتسيى كەملىكتىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ۋىتامىن D نى ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېرەك. ئادەتتە ھەركۈنى تولۇقلايدىغان كالتسىي 1200 مىللىگىرام ۋىتامىن D 0.15 مىللىگىرام بولسا مۇۋاپىق. سۈت ئىچىش، ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ماس ھالدا تۇلۇقلۇغۇچى دورا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
چوڭ مېڭە: ۋىتامىنD. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ۋىتامىنD چوڭ مېڭىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن. ئاپتاپقا قاقلىنىش بولسا ئادەم بەدىنىنى ۋىتامىنD غا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۇلۇقلىغۇچى دورا ئىستېمال قىلىشنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ.
كۆز: ۋىتامىنE,C ۋە سىنىك. ئوكسىدلىنىشقا قارشى خاراكتېرلار مول بولغان ۋىتامىن، مىنىرال ماددا ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلار ئەركىن رادىكاللارنىڭ ئادەم بەدىنىنى ھۈجەيرىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توسۇپ، كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاسرايدۇ. مېۋە-چېۋە ۋە كۆك مۇچتا ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ناھايىتى مول. كۆكتات، بۇلۇپمۇ سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى كۆپ. سىنىك ئىلمىنتى ئاساسلىقى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا كۆپ ساقلىنىدۇ. ئەگەر ياشنىڭ چوڭىيىشى كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ ھالدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ھەر كۈنى 500 مىللىگىرام ۋىتامىنC 400 خەلىقئارا بىرلىك ۋىتامىنE 15مىللىگىرام كاروتونوئىدلار 80مىللىگىرام سىنىك ۋە 2مىللىگىرام مىس ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
يۈرەك: ئومىگا-3 ياغ كېسلاتسى. بېلىق مېيى تەركىبىدىكى بۇ خىل ياغ كېسلاتاسى يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىغان تەركىبنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھەركۈنى 1000 مىللىگىرام بېلىق مېيى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئۈلغىلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. چوڭقۇر دېڭىز قاتلىمى ئاستىدىكى بېلىقلاردا بۇ خىل ماددىنىڭ مىقدارى كۆپ بولىدۇ.
بۆرەك: ۋىتامىنB6. كۆپ سۇ ئىچىش بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھەر كۈنى 40 مىللىگىرام ۋىتامىن B6 تۇلۇقلاش ئارقىلىق بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپىنى 60% يۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.蔓越莓 تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەرمۇ سۈيدۈك يولى ۋە بۆرەك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
تېرە: كاراتۇنوئىدلار. يېشىل سەيلەردە بايقالغان كاروتىن، كسانتىرفىل ۋە قوناق سېرىق ماددىسى تېرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تېرىسىنى نەم ھەم نۇرلۇق قىلىدۇ.
بۇغۇملار: بېلىق مېيى. بېلىق مېيى بۇغۇم ئاغرىقى ۋە قېتىۋېلىشنى پەسەيتىدۇ.
جىگەر: سۈتلۈك چوڭ خوخا تىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاكتىپ تەركىبلەر ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. جىگەرنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەپ، جىگەرنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشىشقا ياردەم قىلىدۇ. بۇخىل ماددا ئادەتتە تولۇقلىغۇچى دورا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. دورا ئىستېمال قىلىشتىن ئاۋۋال دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاش كېرەك.