ئادەم بەدىنىدىكى 5 چوڭ يىتەرسىزلىك
مىلىيون يىللار مابەينىدە ئىنسانلارنىڭ بەدىنى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرگەن. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بەدىنىمىزنىڭ بەزى بىر قىسىم جايلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھازىرقى شارائىتقا ماسلىشالماي قالدى. تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلى بىلەن نۇرغۇن ئاغرىقلارغا دۇچار بولدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروففېسسورى بۇنى “خاتا تەرەققىيات“ دەپ، ئاتىدى.
ئۇ مۇنداق قارايدۇ: گەرچە بىز كەشىپ قىلغان ئۈسكۈنىلەر، دورىلار ھەم ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يېس تاپان، سەكتە، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالىغان بولساقمۇ، بىراق مۇشۇ سەۋەبلىك بەدىنىمىز ماس كىلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇ ئادەمنى خۇش قىلىدىغان ئۆزگىرىش ئەمەس-ئەلۋەتتە. ئەنگىلىيىدە چىقىرىلىدىغان“ئەينەك ژۇرنىلى“دا ئنسان بەدىنىدىكى يىتەرسىزلەكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
چىشنىڭ رەتسىزلىكى: ھەرخىل چىش تۈزەش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ رەتلىك چىشقا ئىگە بولىۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، قەدىمكى كىشىلەر تەبى ئەۋزەللىككە ئىگە. بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇاۋىن مۇدىر ۋېراچى جاڭ خۇا نىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، يىمەكلىكلەرنىڭ ئېسىللىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تاماق يېگەندە كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايدىغان بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئېڭەك سۆڭىكى ۋەچىشنىڭ چايناش ھەركىتى ئازلاپ ئېڭەك سۆڭىكى ۋەچىشنىڭ رۇدىمېنتلىشىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىشقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ رۇدىمېنتلىشىشى تېز بولۇپ، چىش بىلەن ئېڭەك سۆڭىكى ماس كەلمەي قالغان. يەنى، كىچىكلەپ كەتكەن ئېڭەك سۆڭىكى چىشنى مۇاپىق بوشلۇق بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن چىشلارنىڭ رەتسىز بولۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئەھۋالنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك. مەسىلەن: بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق يىمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈپ، چايناش ھەركىتىنىڭ كۆپ بولىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
يېس تاپان: مەدىنىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاياغ-پايپاق كېيىش كېرەك. بىراق بۇخىل ھەشەمەتچىلىك پۇتىمىزغا ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ خىل “بوغۇش“نىڭ تەسىرىدە، پۇت مۇسكۇللىرى دائىم جىددى ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يولنىڭ تۈزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۇت مۇسكۇلى مۇاپىق چېنىقىشقا ئىگە بولالماي مۇسكۇللار يىگىلەپ كېتىدۇ. ھەمدە يېس تاپان بولۇپ قالىدۇ. ھىندىستاندا 2300 نەپەر ئۆسمۈرگە نىسبەتەن قاراتمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: دائىم يالاڭ ئاياغ يۈرىدىغان بالىلارنىڭ يېس تاپان بولۇپ قىلىش نىسپىتى %8.2، دائىم ئاياغ كىېيىپ يۈرىدىغان بالىلارنىڭ يېس تاپان بولۇپ قىلىش نىسپىتى %2.13 ئىكەن. بۇمۇ بالىلارنىڭ مېڭىشنى ئۈگەنگەندە نېمە ئۈچۈن يالاڭ ئاياغ ماڭدۇرۇش لازىملىقىنىڭ بىر سەۋەبى. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۈچىنچى دوختۇرخانا ئۆسمە كىسەللىكلىرى مۇدىر ۋىراچى يېس تاپاننى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ يالاڭ ئاياغ مېڭىش ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
ئاياغ-پايپاقلاردىن، بولۇپمۇ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغلاردىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ ئىپتىدائى ھالەتكە قايتىش، تاشلىق يوللاردا مېڭىش بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق.
تىزنىڭ ئاسان زەخمىنىلىشى: ھايۋانلارنىڭ تىز بوغۇمى ئىنسانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئوخشاش تىز بوغۇمى كىسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەنلىكىدە. يەنى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ئىككى پۇت بىلەن ئۆرە تۇرغاندا، تىزدا تېخى بۇنداق چوڭ بېسىمنى قوبۇل قىلغۇدەك تەييارلىق يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياغ بىلەن يول مېڭىش تىز بوغۇمى يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 2006-يىلى، ئامېرىكا چىكاگو ئۇنۋېرسىتىدىكى خادىملار “تىز بوغۇمىنىڭ ئىچىگە يىغىلىش ھەركىتى“ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەجرىبىدە ئۇلار بىمارنى ئاياغ كىيگەن ھالەتتە ھەم يالاڭ ئاياغ ھالەتتە يول ماڭغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت بۆلىكىدە ئۇلارنىڭ تىزىغا چۈشكەن بېسىمنى ئۆلچىگەن. ھەيران قالارلىقى شۇ بولغانكى، پۇتقا چۈشكەن بېسىم يالاڭ ئاياڭ ماڭغاندا ئاياغ كېيگەندىكىگە قارىغاندا %12 ئاز بولغان.
ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەنكەنمىز، ئۇنداقتا بىز باشقا يوللار ئارقىلىق تىز بوغۇمىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تاغقا ئاز يامىشىش، پەلەمپەيگە ئاز چىقىش كېرەك ئىكەن. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا تىزبوغۇمىغا چۈشكەن بېسىم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 3-4 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن. ھەم ئاسان يارلىنىدىكەن. سۇ ئۈزۈش، تىز مېڭىش قاتارلىقلار تىزبوغۇمىنى چىنىقتۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە قانداق يېتەرسىزلىكلەر بار؟ داۋاملىق تېمىغا دىققەت قىلغايسىز!
ئومۇرتقا تۆۋرۈكىنىڭ ئاجىزلىشىشى: كۆپلىگەن ھايۋانلارنىڭ دۈمبىسى تۈپتۈز تاياققا ئوخشاش ئىچكى ئەزالارنى ئېسىپ تۇرىدۇ. ئۇ كۆۋرۈككە ئوخشاش ئېگىلگەن بولۇپ ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشكە ماسلاشقان. بىراق ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ئۆرە مېڭىشقا ئادەتلەنگەندىن كېيىن دۈمبىسى ئەگرىلەشكەن. ھەمدە ئومۇرۇتقىنىڭ كۆتۈرىدىغان يۈكى ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن ئومۇرۇتقا ئارىلىق تەخسىسى قىسىلىپ ئاجىزلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرا بولمىغان ئولتۇرۇش ھالىتى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ھەر تۈرلۈك ئومۇرۇتقا كىسىلى كېلىپ چىققان. كۆپ ئولتۇرماسلىق، بويۇن ئومۇرۇتقىسىنى ئاسراش ھەركەتلىرىنى ئىشلەش، يامىشىش ھەرىكىتىنى كۆپ قىلىش ئومۇرۇتقا ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
داس بوشلۇقىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى: “يىڭى ئالىم“ ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىۋاتقان تۇغۇتى تەس بولۇش مەسىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى بوۋاق تېنىنىڭ چوڭ بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللار داس بوشلۇقىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. گىرمانىيەدە چىقىرىلغان “ئەينەك “ژۇرنىلىدا ئېيتىلىشىچە، تۇغۇت تەس بولۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆرە مېڭىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە ئىكەن. تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا يول مېڭىشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ئاياللار داس بوشلۇقى قىسىلغان ھالەتتە تۇرغان . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى داۋاملىق چوڭىيىش ھالىتىدە تۇرغان. بىز بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرىمىغان ئاساستا ئۇنىڭ تەن ئېغىرلىقىنى كونتېرول قېلىش ئارقىلىق كىچىكلەپ كەتكەن داس بوشلۇقىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىپ خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىنى كونتىرول قىلساق بولىدۇ.
بىزنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىمىز مۇكەممەل ئەمەس . بىراق بۇ كەمچىلىككە نىسبەتەن شۇنداق ئېيتالايمىزكى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ يىتەرسىزلىكنى تولۇقلىيالايمىز، تېخىمۇ ساغلام بولالايمىز.