ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش

مۇزىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالاش

پىئانىنو مۇزىكىسى كىشىنى ئۇخلىتىدۇ، ھىندىستان مۇزىكىسى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مۇزىكا بولسا بىر خىل رېتىم، بىر خىل قەلىب. دائىم رېتىمى يەڭگىل مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا جىددى كەيپىياتنى ۋە بىئاراملىقنى پەسەيتىدۇ. بىراق مۇزىكىدىن پايدىلىنىپ مەلۇم كېسەلنى داۋالاش ۋە كۈتۇشنىڭ سىرىنى بەلكىم خېلى كۆپ ئادەملەر چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى داۋالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جوڭگۇ مۇزىكا بىلەن داۋالاش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپ باشلىقى جاڭ گاۋتىيەننىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇزىكا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى بىر خىل قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن. مۇزىكا بىلەن داۋالاشنىڭ ئوبىكتى پىسخىكىلىق كېسەللىك، ئارا ساغلاملىق ۋە مېڭە قان-تومۇر تاساددىپىيلىقى قاتارلىق ئۈچ خىل بىمارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىنى تاللاش ھازىرقى تىببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا مۇزىكىنىڭ روھىي پائالىيەتكە بولغان رولى ئىچكى ئاجرالما، ئۆسۇملۇك نېرۋا سىستېمىسى، دۆڭچە مېڭى (丘脑)نىڭ ئاستى، ئەتراپ سىستېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇزىكىنىڭ رېتىمى، كۈچلۈكلۈكى، مىلودىيەسى، گارمونىيەسى كىشىلەرنىڭ  روھى پىسخىك پائالىيتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇدىر گاۋتىيەن مۇزىكا بىلەن كېسەل داۋالىماقچى بولسا چوقۇم ئالدى بىلەن تاللىغۇچىنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشى كېرەك دەيدۇ ھەمدە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمايدۇ، مۇزىكا تاللىغاندا چوقۇم بۇ خىل پەرقنى ئويلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن: خەلق مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى باشقا تىپتىكى مۇزىكىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىسا، رېتىمى ھەر قانچە يېقىملىق بولسىمۇ، كىشىلەردە يەنىلا بىئاراملىق تۇيغىۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. داۋالاش دەل بۇنىڭ ئەكسىگە ماسلاشقان بولىدۇ.
مۇزىكا تاللاش كەيپىيات بىلەن بىردەك بولىشى كېرەك. مەسىلەن بىر ھاياجانلىق كەيپىياتتىكى ئادەمنى تېنىچلاندۇرماقچى بولساق يەڭگىل، جىمجىت مۇزىكىلارنى ئاڭلاتماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا مەجبۇرلاش خارەكتېرى بار بولۇپ كىشىنى تىت-تىت قىلىدۇ، بىزار بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. توغرا بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھاياجانلانغان ۋاقىتتا شوخ، جانلىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاتقاندا، بەلگىلىك ۋاقىت ھاياجانلىنىپ يەنە تىنچلىنىش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ تەبىئىيلا تىنچلاندۇرۇش خارەكتېردىكى مۇزىكىنى ئاڭىلغۇسى كېلىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاندىن  تىنچلاندۇرۇش خارەكتېردىكى مۇزىكىنى ئاڭلاتسا ھاياجاننى پەسەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

ئوخشىمىغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇزىكا بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. خەلقئارا يۇقىرى قان بېسىم ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ھەر كۈنى يېرىم سائەت رېتىمى تەكشى بولغان كىلاسسىك ياكى ھىندىستان مۇزىكىسىنى ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى گورۇپپىسىنىڭ قان بېسىمى مۇزىكا ئاڭلىمىغان گورۇپپىنىڭىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۇنەرلىك تۆۋەنلەش بولغان. دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ئاز بولمىغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىشچە بوشاشتۇرۇش خارەكتىردىكى مۇزىكا بىلەن ئادەتتىكى دورا بىلەن داۋالاشنى ماسلاشتۇرغاندا قان بېسىمىنى تېخىمۇ بالدۇر تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.
مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش كېلىنكىدا ئۇزاق يىللىق تارىخقا  ئىگە.  مۇزىكىنىڭ تاللىنىشى  يەنىلا شەخىسنىڭ ياقتۇرىشىنى بىرىنچى ئامىل  قىلىپ گارمونىيەسى ئاددى، مۇزىكىسى ماسلاشقان، مىلودىيە ئۆزگىرىشى كىچىك، يەڭگىل رېتىمدىكى لېرىك  ئېتوت مۇزىكىسىنى تاللاش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە  ئسكىرىپكا، يالغۇز ئورۇللانغان پىئانىنو مۇزىكىسىنىڭ ئۈنۈمى  بىر قەدەر ياخشى. ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇخلىتىش مۇزىكىسى مەسىلەن «ئۇخلىتىش مۇزىكىسى»، «ئەللەي مۇزىكىسى»، «يازنىڭ ئىككىنچى ئېيى ئاخشىمىدىكى چۈش» قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى  ماس كېلىدۇ. ئادەتتە مۇزىكا تاللاش كەچتە ئۇخلاشتىن ئىككى ئۈچ سائەت بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر قېتىم ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە، ئاۋازى  بەك يۇقىرى  بولماسلىق، ئارامبەخىش تۇيغۇسى بېرىدىغان يەتمىش دېتسىبىلدىن تۆۋەن بولىشى كېرەك.
ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەش. ئەستەتۇتۇش قابىليىتى ئاجىزلىغان بىمارلار  ئەڭ ياخشىسى تونۇش بولغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاش كېرەك، تونۇش مۇزىكىلار ھەمىشە ئىلگىركى ئۇنتۇلغۇسىز تۇرمۇش كارتىنلىرى بىلەن زىچ  باغىلىنىشلىق بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button