ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
كېسەل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان 6 خىل ئادەت
يېقىندا ئامېرىكىلىق ساغلاملىق ئىلمى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئېرىكا شۇرىسنىڭ: «كېسەل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان 6 خىل ئادەت»دېگەن ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ «ياخو ئاياللار تورى» دا ئېلان قىلىندى. بۇ ئالتە خىل ئادەت تۈۋەندىكىچە:
- ئاپتاپ سىنماسلىق.تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئاپتاپ سىنغاندا ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، سۆڭەك شالاڭشىش، مەزى بېزى كېسىلى، قول- پۇت، ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئۆنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. داۋاملىق ئاپتاپ سىنىپ تۇرماسلىق، بۇ كېسەللەرنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
- باكتېرىيەگە قارشى سوپۇن ياكى يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش.باكتېرىيە گەرچە كىشىلەردە كېسەل پەيدا قىلدىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى قوغدىنىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. باكتېرىيە يوقۇتىدىغان سوپۇن ياكى يويۇنۇش سۇيۇقلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە زىيادە بىرىلگەندە، بەدەننىڭ باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، تېرىنىڭ زىيادە سېزىم رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
- كۆپ ئۇخلاش. ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى، ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەر، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولسىلا، بىر كۈنلۈك خىزمەتكە بەرداشلىق بىرىشكە كۇپايە بولىدىكەن.
- ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپ ئىشلىتىش.كۈن بويى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغاندا، باكتېرىيەدىن يوقۇملىنىش ئېھتىماللىقى، بولۇپمۇ نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىرى ۋە ئانافىلاكىسيە كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كىتىدىكەن. بىر قانچە سائەتتە بىر قېتىم دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ياكى سىرتقا چىقىپ سەيلى قىلىش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، ئىلمان سوپۇن سۈيى بىلەن سۈزگۈچ تورنى پاكىز يويىۋېتىش لازىم ئىكەن.
5 . ئورگانىك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش. بەزى ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن خۇرۇچ قۇشۇلغان بولىشى مۇمكىن. يېمەكلىك ئورگانىك بولسىلا، ساغلاملىققا پايدىلىق بولىشى ناتايىن، شۇڭا تەركىبى ئاددىي، شىكەر، تۇز تەركىبى تۆۋەن ھەم پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپلىرى ئازراق يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك.
- ھەرىكەت مىقتارى ئېشىپ كېتىش.ھەر كۈنى چوقۇم 30- 40 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش زۈرۈر ئەمەس، ئۇنداق قىلغاندا، بوغۇملارنىڭ ئۇپىرىشى ئېغىر بولىدۇ. كۈن ئارىلاپ بىر قېتىمدىن ھەرىكەت قىلسا ياكى سەيلى قىلىپ بەرسە ياخشىراق بولىدىكەن.