ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 6 ئىش
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى _ يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە يېزىلارغا قارىغاندا شەھەرلەردە بۇ خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاغرىدىغانلار ياكى ۋاقتىنچە كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولمىسىمۇ يۇشۇرۇن ۋىرۇس ئېلىپ يۈرىدىغانلار خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 6 ئىش
- B تىپلىق جىگەر ياللۇغى HBVۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ ۋىرۇس ئاساسەن Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ۋە HBV ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ قېنىدا بولىدۇ.
- ئادەتتە بۇ خىل كېسەللەرنىڭ يۇقۇش يولى: قاندىن يەنى قان سېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئىشلەتكەن ئوكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىش، ئانىدىن بالىغا يەنى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ئارقىلىق بوۋاققا يۇقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاز بىر قىسىم بىمارلارنىڭ شۆلگىيى، سپېرمىسى قاتارلىق ئاجىراتمىلاردىنمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بىراق ئادەتتە بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
- Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا ئاسانلا ئاستا ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگۈرۈپ ۋاقىت ئۇزىراپ داۋالىنىش مۇۋاپىق بولمىغاندا، جىگەر قېتىشقا، جىگەر راكىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ. Aتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىغاندا خەتىرى چوڭراق بولۇپ، ۋاقتىدا سېستىمىلىق داۋالىتىش، جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
- تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قاننى ئىشلەتمەسلىك، چىش چوتكىسى، ساقالئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بۇلۇپمۇ سىرتتا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرنى ئىمكان بار ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەنگە گۈل چىكىش، كۆز قاشقا چەكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى HBVئېلىپ يۈرگەن بىمارلاردىن باشقىلار ئامال بار Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. ئوكۇل ئۇرغۇزغاندىن كىيىنكى ئۈنۈم ۋاقتى 3 ـ 5يىلغىچە بولىدۇ.
- Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىرى ياكى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ، ئاغرىپ قالغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن بىر قېتىملىق داۋالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، كېسەلنىڭ باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، ھەر پەسىلدە ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.