ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مېڭە تىقىلمىسى بىمارلىرى ئۈچۈن پايدىلىق كۆرسەتمىلەر
مېڭە تىقىلمىسى بولسا، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېڭە قان تومۇرلىرىدا نوكچا شەكىللىنىپ قان تومۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا بولۇپ، مېڭە توقۇلمىسى نىكروزلىنىدىغان، كلىنىكىدا مۆچىلەر كۈچسىزلىنىش، تىلى كەمتۈكلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. بۇخىل كېسەللىك ئارتېرىيە قېتىش كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى بار بىمارلاردا بىر قەدەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. كېسەللىككە قارىتا، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قۆللىنىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
- روھى ئامىللارنىڭ ناچار تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.روھى كەيپىيات ياخشى، تۇراقلىق بولغاندا قان تومۇرلاردا سىپازمىلىنىش بولمايدۇ، قان ئايلىنىش ياخشى بولۇپ، ناچار خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەكسىچە روھى كەيپىيات ناچار بولغاندا قان تومۇرلار سىپازمىلىنىش بىلەن بىرگە روھى نەپسانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قان ئايلىنىش سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، تېزلا قان تومۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشى، خۇشال-خۇرام يۈرۈشى، روھى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى، تولا ئويلىنىش، ھاياجانلىنىش، ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرۇشتىن ۋە باشقا ناچار روھى كەيپىياتلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
- ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. دەم ئېلىش كۆپ، ھەرىكەت بەك ئاز بولغاندا ئوخشاشلا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ مېڭە قان تومۇرلىرىدا ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتلىرى يىغىلىپ، توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، مېڭە تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەر مۇۋاپىق ئارام ئېلىش بىلەن بىرگە بەدەن ئەھۋالىغا ماس كەلگۈدەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىشى، بەك كۈچەپ كېتىشتىن، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەش كېرەك. مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىغۇچىلار يۇقىرى مايلىق، تۇزلۇق، تەستە سىڭىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىشى، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق تالالىرى ۋە ۋىتامىنلار كۆپ بولغان، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماي ئېرىتىش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەردىن پالەك، تۇرۇپ، كەرەپشە، چىلان قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، كەيپىيات جەھەتتە مۇتلەق سوغۇق بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.
4. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ جەھەتتە ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، نەشە چېكىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلاردا قېتىشىش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە روھى قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاقىۋەتتە مېڭە تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ئۆزىنى قەتئىي يىراق تۇتۇش لازىم.
5.بەدەندە باشقا كېسەللىكلەر پەيدا بولسا، ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم. يەنى مېڭە تىقىلمىسىنى ئاسان پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئارتېرىيە قېتىشىش، دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغۇچىلار ۋاقتىدا كېسەللىكىنى داۋالىتىشى ۋە مۇۋاپىق بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان بېسىمنى كونترول قىلغۇچى، قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى لازىم .